باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

گوۋۇيۈەن «قارار» ئېلان قىلىپ، ئورگان-كەسپىي ئورۇن خادىملىرىنىڭ كۈتۈنۈش پۇلى ئىسلاھاتىنى يولغا قويدى

2015.01.15 15:11         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 14-يانۋار تېلېگراممىسى. گوۋۇيۈەن يېقىندا «ئورگان-كەسپىي ئورۇن خادىملىرىنىڭ كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىش توغرىسىدىكى قارار»نى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «قارار» دېيىلىدۇ) ئېلان قىلىپ، 2014-يىلى 1-ئۆكتەبىردىن باشلاپ ئورگان-كەسپىي ئورۇن خادىملىرىنىڭ كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىشنى قارار قىلدى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە شەھەر-يېزا ئاھالىسىنىڭ كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلى ئەڭ تۆۋەن ئۆلچىمىنى بىر تۇتاش ئۆستۈرۈپ، كارخانىدىن پىنسىيىگە چىققانلارنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلى ئۆلچىمىنى يەنە بىر قېتىم ئۆستۈردى. بۇ بىر يۈرۈش قارار پارتىيە 18-قۇرۇلتىيى ۋە ج ك پ 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 3-، 4-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى، ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېما قۇرۇلۇشىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈش، تېخىمۇ ئادىل، ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولغان كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تۈزۈمى ئورنىتىشنىڭ يەنە بىر مۇھىم تەدبىرى ھېسابلىنىدۇ.«قارار»دا مۇنۇلار بەلگىلەندى: ئورگان-كەسپىي ئورۇنلار جەمئىيەت بىر تۇتاش پىلانلىغان شەخسىي ئىسچوت بىلەن ئۆزئارا بىرىككەن ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ۋە شەخس ئورتاق پۇل تاپشۇرۇش؛ ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلىنى ھېسابلاپ تارقىتىش چارىسىنى ئىسلاھ قىلىپ، تەمىنات سەۋىيەسىنى تاپشۇرغان پۇلىغا باغلاپ، پۇلنى كۆپ، ئۇزاق ۋاقىت تاپشۇرغانلار كۆپ پۇل ئېلىشتەك رىغبەتلەندۈرۈش مېخانىزمى ئورنىتىش؛ ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلىنى نورمال تەڭشەش مېخانىزمى ئورنىتىپ، ئورگان، كارخانا كەسپىي ئورۇنلاردىكى پىنسىيىگە چىققان ۋە شەھەر-يېزا ئاھالىسىنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلىنى تەڭشەشنى بىر تۇتاش ئويلىشىش؛ كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى فوندىنى باشقۇرۇش ۋە نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىپ، فوندنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش؛ كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى مۇناسىۋىتىنى يۆتكەپ داۋاملاشتۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، خادىملارنىڭ مۇۋاپىق كۆچۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ خىزمەت يىللىق پۇل تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، كۆپ قاتلاملىق كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى سىستېمىسى بەرپا قىلىش؛ كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنىڭ مەبلەغ غەملەش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تەمىناتنى تارقىتىشقا كاپالەتلىك قىلىش؛ ئىجتىمائىيلاشقان باشقۇرۇش مۇلازىمىتىنى تەدرىجىي يولغا قويۇپ، باشقۇرۇش مۇلازىمىتى سەۋىيىسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر