ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 12-يانۋار ئەتىگەن بېيجىڭدا سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ، مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىنىڭ 1-قاراردىكى پارتكوم شۇجىلىرى تەربىيەلەش سىنىپىدىكىلەر بىلەن سۆھبەتلەشتى ۋە مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: ناھىيە دەرىجىلىك ھاكىمىيەتنىڭ ئۈستىگە ئالىدىغان مەسئۇلىيىتى ئىنتايىن ئېغىر، بولۇپمۇ ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق باشقۇرۇش جەريانىدا مۇھىم رول ئوينايدۇ. يولداش جياۋ يۈلۈ ئەمەلىي ھەرىكىتى بىلەن مۇنەۋۋەر كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزاسى ۋە مۇنەۋۋەر پارتكوم شۇجىسىنىڭ شانلىق ئوبرازىنى ياراتتى. پارتكوم شۇجىلىرى جياۋ يۈلۈدەك بولۇشى، باشتىن-ئاخىر پارتىيە، ئاممىنى كۆڭلىگە پۈكۈپ، مەسئۇلىيەتچان بولۇشى، ئۆزىنى چەكلىشى كېرەك.
ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتى، مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىنىڭ مۇدىرى ليۇ يۈنشەن سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: كادىرلار مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئالالايدىغان بولۇشى كېرەك، زىممىسىگە ئالىدىغان مەسئۇلىيىتى قانچىكى ئېغىر بولسا چوڭ ئىشلارنى باشقا چىقىرالايدۇ، نەتىجە قازىنالايدۇ. ئەمەلدار بولۇشنىلا ئويلاپ ئىش قىلىشنى خالىماسلىققا، ھوقۇق ئىگىلەشنىلا ئويلاپ، مەسئۇلىيەتتىن قېچىشقا، شەرەپكە ئېرىشىشنىلا ئويلاپ، كۈچ چىقارماسلىققا بولمايدۇ. كۆتۈرەڭگۈ روھ، پۈتۈن قىزغىنلىقى بىلەن خىزمەتنى ياخشى ئىشلەپ، ئەلگە بەخت يارىتىشى كېرەك. نەچچە يىل ئىشلەپمۇ ھېچقانداق نەتىجىگە ئېرىشەلمەي، ناھىيەنىڭ تەرەققىياتىدا ئۆزگىرىش ھاسىل قىلالماي، ھەر يىلى ئوخشاش ئىش قىلىشقا بولمايدۇ. بېكىتىلگەن خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئاخىرغىچە ياخشى ئىشلەش كېرەك. «نەتىجە ھەممىمىزگە مەنسۇپ» دېگەن ئىدىيىدە بولۇپ، كۈچ ئۇلاپ يۈگۈرۈشكە ئوخشاش، داۋاملىق تىرىشىپ ياخشى ئىشلەش كېرەك.
مەنبە: خەلق تورى