باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ «يېڭى يېپەك يولى» تېمىسىدا فوتو سۈرەت ئەسەرلىرى قوبۇللاش ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇشى

2014.08.15 15:33         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  پائالىيەت تېمىسى: «يېڭى يىپەك يولى» فوتو سۈرەت ئەسەرلىرى

  قوبۇللاش ۋاقتى: 2014-يىل 8-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن 2014-يىل 11-ئاينىڭ 15-كۈنىگىچە

  ئۇيۇشتۇرغۇچى: خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلى

  پائالىيەت مەقسىتى: قەدىمىي يىپەك يولىدىكى تەبىئىي مەنزىرە، ئۆرپ-ئادەت، يېمەك-ئىچمەكلەرنى نامايان قىلىپ، يېڭى يىپەك يولىنىڭ ئۆزگىچە مەدەنىيىتى ۋە ئىنسانىي سەنئىتىنى ئەكس ئەتتۈرۈش

  ئىزاھات: ئەسەرلەر «يىپەك يولى مەنزىرىلىرى»، «يىپەك يولىدىكى ئادەملەر»، «يىپەك يولىدىكى قەدىمىي ئىزلار» ۋە «يېپەك يولىدىكى ئۆرپ-ئادەت»دىن ئىبارەت تۆت تېمىغا ئايرىلىدۇ، ھەربىر فوتوگراف ھەربىر تېمىغا كۆپ بولغاندا بىردىن (ياكى بىر گۇرۇپپىدىن) ئەسەر ئەۋەتسە بولىدۇ، ئەۋەتكەن ئەسىرى تۆت پارچە (گۇرۇپپا)دىن ئېشىپ كەتسە بولمايدۇ.

  قاتنىشىش ئۇسۇلى: ئەسەرنى خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ ئېلخەت ئادرېسى (Uyghur423@163.com) غا ئەۋەتىش كېرەك.

  ئەسەرلەرگە قويۇلىدىغان تەلەپ:

  1. ئۆزىنىڭ ئىجادىي ئەسىرى بولۇشى، باش تېمىسى ئايدىڭ، مەزمۇنى ئىجابىي بولۇش كېرەك، ئۇسلۇبى، ماتېرىيالى ۋە سۈرەتكە تارتىش نۇقتىسىغا چەك قويۇلمايدۇ؛

  2. يەككە سۈرەت ۋە گۇرۇپپا سۈرەت دەپ ئايرىلىدۇ، گۇرۇپپا سۈرەت پىرىنسىپ جەھەتتە 6 پارچىدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى لازىم؛

  3. ھۆججەت JPEG شەكلىدە ساقلىنىشى، تەرەپ ئۇزۇنلۇقى 800 پىكسىلدىن كەم بولماسلىقى، سۈرەتنىڭ EXIF ئەسلىي ئۇچۇرى ساقلانغان بولۇشى كېرەك؛

  4. مۇسابىقىگە قاتناشتۇرۇلىدىغان ئەسەرگە ماۋزۇ قويۇلۇشى، يەنە ئەسەرنىڭ ئىجادىيلىقى ۋە باش تېمىسىنى شەرھلەيدىغان ئىزاھات يېزىلىشى كېرەك.

  5. مۇسابىقىگە قاتناشتۇرۇلىدىغان ئەسەر رەڭسىز بولسىمۇ، رەڭلىك بولسىمۇ بولىدۇ، كۆرۈنمە ئۈنۈمى مۇۋاپىق تەڭشەلسە بولىدۇ، لېكىن فوتو سۈرەت ئەسىرىنىڭ ئاساسىي خۇسۇسىيەتلىرىنى ساقلاپ قېلىش كېرەك، ئەسەرنىڭ ئەسلىيىتىنى بۇرمىلايدىغان مەشغۇلات قوللىنىش چەكلىنىدۇ، رامكىلاش، سۇ تامغا بېسىش، ئىمزا قويۇش قاتارلىق بېزەش ۋاسىتىلىرىنى قوللىنىشقا بولمايدۇ.

  باھالاش:

  ئەسەر قوبۇللاش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئۇيۇشتۇرغۇچى ئورۇن 1-، 2-، 3-دەرىجىلىك مۇكاپاتلىنىدىغان ئەسەرلەرنى باھالاپ چىقىدۇ، باھالانغان ئەسەرلەر توردا بىر ھەپتە ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، مۇكاپاتلىنىدىغان ئەسەرلەر تىزىملىكى بېكىتىلىدۇ. ئۇيۇشتۇرغۇچى ئورۇن مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچىلەرگە تەقدىرنامە ۋە مۇكاپات پۇلى ياكى خاتىرە بۇيۇم تارقىتىپ بېرىدۇ.

  ئالاھىدە ئەسكەرتىش:

  1. ئەسەر يوللىغاندا شەخسىي ئۇچۇرىنى بىللە يوللاش لازىم، ئۇيۇشتۇرغۇچى ئورۇن شەخسىي ئۇچۇرنى قەتئىي مەخپىي تۇتىدۇ، پەقەت مۇشۇ قېتىملىق پائالىيەتنىڭ باھالاش ئىشلىرىغا ئىشلىتىدۇ.

  2. مۇسابىقىگە قاتناشقۇچىلار ئۆز ئەسىرىنىڭ تولۇق ئاپتورلۇق ھوقۇقىغا ئىگە بولىدۇ، ئەگەر سۈرەت ھوقۇقى، نام-ئابرۇي ھوقۇقى، شەخسىيەت ھوقۇقى، ئاپتورلۇق ھوقۇقى، ماركا ھوقۇقى قاتارلىقلارغا دەخلى-تەرۇز قىلغانلىقى بايقالسا، ئۇيۇشتۇرغۇچى ئورۇن ئۇنىڭ مۇسابىقىگە قاتنىشىش سالاھىيىتىنى بىكار قىلىدۇ، قانۇن جاۋابكارلىقىغا چېتىلسا مۇسابىقىگە قاتناشقۇچى ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ.

  3. پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرغۇچى ئورۇن مۇسابىقىگە قاتناشتۇرۇلغان ئەسەرلەرنى ئىشلىتىش ھوقۇقىغا ئىگە.

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلى

  2014-يىل 8-ئاينىڭ 15-كۈنى

  جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر