خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2014-يىللىق ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ سودا-سانائەت رەھبەرلىرى ئۇچرىشىش يىغىنى 9-نويابىر بېيجىڭ دۆلەتلىك يىغىن مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلدى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ۋە «ئۇزاققىچە سىجىل تەرەققىيات ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئارزۇسىنى بىرلىكتە ئەمەلگە ئاشۇرايلى»دېگەن تېمىدا نۇتۇق سۆزلىدى. شى جىنپىڭ تەكىتلەپ مۇنداق دېدى. نۆۋەتتە جۇڭگو ئىقتىسادىدا شەكىللەنگەن يېڭى ھالەت جۇڭگوغا يېڭى تەرەققىيات پۇرسىتى ئېلىپ كىلىدۇ. بىز قەتئىي تەۋرەنمەي ئىسلاھات ئىشلىرىنى چوڭقۇرلاشتۇرىمىز. جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئەللىرى ۋە دۇنياغا غايەت زور پۇرسەت ۋە مەنپەئەت ئېلىپ كىلىدۇ. جۇڭگو مۇشۇ رايوندىكى ھەر قايسى ئەللەر بىلەن بىرلىكتە ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى خالايدۇ.
(شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جۈ پېڭ فوتوسى)
تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى