باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر>>شى جىنپىڭ>>پائالىيەتلەر

پۇتىن رەئىس شى جىنپىڭغا ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفون سوۋغا قىلدى (1)

2014.11.10 15:42   مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پۇتىن رەئىس شى جىنپىڭغا ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفون سوۋغا قىلدى (1)

  رۇسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ 9-نويابىردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا ، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭغا رۇسىيەدە ئىشلەنگەن ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفون YotaPhone-2 دىن بىرنى سوۋغا قىلغان . ئىگىلىنىشىچە، بۇ يانفوننىڭ ئېكرانىغا رۇسىيە ، جۇڭگو ۋە APEC نىڭ بەلگە سۈرىتى مەخسۇس لايىھەلەنگەن ئىكەن .

  رۇسىيە زۇڭتۇڭ ئاخبارات باياناتچىسى پېسكوۋنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە ، زۇڭتۇڭ پۇتىن بىلەن رەئىس شى جىنپىڭ ئوخشىمىغان ساھەلەردە خەلق پۇلىنى راسچوت قىلىش مۇمكىنچىلىكى توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ بارغان .

  ئىگىلىنىشىچە ، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن 9-نويابىر جۇڭگوغا يېتىپ كەلگەن بولۇپ ، بۈگۈن ( 10–بويابىر ) بېيجىڭدا ئېچىلىدىغان APEC بىرەسمىي باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىدىكەن . ئۇ يىغىندىن ئىلگىرى رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشكەن ھەمدە رۇسىيە تەبىئىي گاز سانائىتى شىركىتى بىلەن جۇڭگو نېفىت تەبىئىي گاز گۇرۇھىنىڭ گاز بىلەن تەمىنلەش رامكا كېلىشىمىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 17 تۈرلۈك ھەمكارلىق ھۆججىتىگە ئىمزا قويغان .

  YotaPhone رۇسىيە ئۆز ئالدىغا تەتقىق قىلىپ ياساپ چىققان تۇنجى ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفون ، ئۇنىڭ ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىكى ئالدى ، كەينى ئىككىلا يۈزىگە ئېكران سەپلەنگەن بولۇپ ، كىشىگە بىر خىل يېڭىچە تۇيغۇ بېرىدىكەن . بۇ يانفون 2013-يىلى 12-ئايدا بازارغا سېلىنغان بولۇپ ، رۇسىيەنىڭ ئۇدا ۋەزىپىگە ئولتۇرغان زۇڭلىسى مېدۋېدىۋ بۇ يانفونغا ئۆزى ‹‹ ۋاكالەتچى ›› بولغان . پات ئارىدا بازارغا سېلىنىدىغان YotaPhone-2 باھاسى ۋە تېخنىكىلىق پارامېترى جەھەتتە سونى XperiaZ1 ( تەخمىنەن 700 ئامېرىكا دوللىرى ) بىلەن LGG2( تەخمىنەن 560 ئامېرىكا دوللىرى ) دىن تۆۋەن بولۇپ ، ئاساسلىق خېرىدارلار توپى بازاردىكى يېڭى مەھسۇلاتقا قىزىقىدىغانلار ئىكەن .

【1】 【2】 【3】 
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى دوكتور ئاسپىرانت ئوقۇغۇچىسىنىڭ دوكتورلۇق ئۇنۋانىنى ئېلىپ تاشلىدى
      ·138 ئالىي مەكتەپ 180 تۈردە 2014-يىللىق دۆلەتلىك پەن تېخنىكا مۇكاپاتىغا ئېرىشتى 
      ·ئامېرىكىدا بالىنى 18 ياشقىچە بېقىش ئۈچۈن 245 مىڭ دوللار كېتىدۇ
      ·2015-يىلىدىن باشلاپ، شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ باھالاش ئۆلچىمىنى ئۆزگەرتىدۇ، جەريان خاراكتېرلىك ب…
      ·شىنجاڭ: ئەڭ ياخشى مائارىپ بايلىقىنى ئەڭ چەت رايونلارغا يەتكۈزىمىز
      ·«تولۇق 3-يىللىقتا پەقەت ئەدەبىيات، ماتېماتىكا، خەنزۇ تىلىنىلا ئۆگىنىشكە بولمايدۇ»
      ·دۆلەت ھۆكۈمەتنىڭ ئەۋەتىشى بىلەن چەت ئەلدە ئوقۇشقا بۇ يىل 23 مىڭ كىشى قوبۇل قىلدى
      ·جۇڭگو-قازاقىستان مەركىزىي بانكىلىرى ئۆز پۇللىرىنى ئالماشتۇرۇش كېلىشىمى ئىمزالىدى
      ·مەرھابا ئاسپىرانت قىزلار، تىرىشچانلىقىڭلارغا ئاپىرىن
      ·تۈركىيە ۋە ئىتالىيە زۇڭلىسى بىرلەشمە مۇخبىرلار يىغىنى ئۆتكۈزدى(1)