باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

پېڭ لىيۈەن چەتئەل رەھبەرلىرىنىڭ خانىملىرىنى كۈتۈۋالدى(1)

2014.11.11 17:40   مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پېڭ لىيۈەن چەتئەل رەھبەرلىرىنىڭ خانىملىرىنى كۈتۈۋالدى(1)

  تۈنۈگۈن دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن 2014-يىللىق ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونى ئىقتىسادى ھەمكارلىق تەشكىلاتى رەھبەرلەر بىرەسمىي يىغىنىغا قاتناشقان ئىقتىسادى گەۋدىلەرنىڭ قىسمەن رەھبەرلىرىنىڭ خانىملىرى بىلەن جۇڭگو مېيىپلار جەمئىيىتى بىرلەشمىسى ئۆتكۈزگەن مېيىپلارنىڭ ئىقتىسادى ئىجتىمائىي تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئاساسىي تېمىسىدىكى يۈرۈشلۈك پائالىيەتكە قاتناشتى.

  چۈشتىن بۇرۇن، پېڭ لىيۈەن بېيجىڭ يىغىن مەركىزىدە ھىندونېزىيە زۇڭتۇڭىنىڭ رەپىقىسى ئىلىيانا، كانادا زۇڭلىسىنىڭ رەپىقىسى لاۋلىن، ياپونىيە باش ۋەزىرىنىڭ رەپىقىسى ئابې ئاكېئې، مالايسىيا زۇڭلىسىنىڭ رەپىقىسى روسماخ، يېڭى زېللاندىيە زۇڭلىسىنىڭ رەپىقىسى بۇرونا، سىنگاپور زۇڭلىسىنىڭ رەپىقىسى خېجىن، پاپۇئا يېڭى گىۋىنىيەسى زۇڭلىسىنىڭ رەپىقىسى لىندا، تايلاند زۇڭلىسىنىڭ رەپىقىسى نارافوننى كۈتۈۋالدى.

  پېڭ لىيۈەن مېھمانلار بىلەن بىرگە جۇڭگو مېيىپلار ئىشلىرى تەرەققىيات كۆرگەزمىسى، مېيىپلار ئەدەبىيات سەنئەت ئويۇنىنى كۆردى. جىمىغۇرلۇق كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بالىلارنىڭ رەسىم ئەسەرلىرى، ۋېنچۈەن يەر تەۋرىشىدە ئىككى پۇتىدىن ئايرىلغان ياش چياڭزۇ مېيىپ قىز ئىلغان «سەككىز تۇلپار سۈرىتى»، گاس ساپال سەنئەتكار ياراتقان ئىنتايىن مول ئىپادىلەش كۈچىگە ئىگە بولغان لاي ئادەم، ئىككى قولىدىن ئايرىلغان ياش قىز ياراتقان بەخت دېگەن قىزىل خەت، ئەما توقۇمچى توقۇغان قۇش، مېيىپ ھۈنەر سەنئەت ماھىرى ئىشلىگەن نەقىش، قولى يوق خەتتات يازغان ھەممە گۈللەر تەكشى ئېچىلىش دېگەن خەتنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى. جۇڭگولۇق مېيىپلار ئىپادىلىگەن خۇشال خۇرام ئالغا ئىلگىرىلەش، تىنىم تاپماي ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇش روھى قىياپىتى ۋە ئۇلارنىڭ ئېسىل ھۈنەر سەنئىتى پېڭ لىيەن ۋە ئۇنىڭ مېھمانلىرىنى تەسىرلەندۈردى. ئۇلار ھەر بىر مېيىپ بىلەن سەمىمىي ئالماشتۇرۇش ئېلىپ باردى، ئۇلارنى توختىماي ماختىدى.

  ئاندىن كېيىن، پېڭ لىيۈەن مېھمانلار بىلەن بىرگە مېيىپلارنىڭ ئىقتىسادى ئىجتىمائىي تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئاساسىي تېمىسىدىكى يىغىنغا قاتناشتى. پېڭ لىيۈەن سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: مېيىپلار جەمئىيەت چوڭ ئائىلىسىنىڭ باراۋەر ئەزاسى. مېيىپلارغا ھۆرمەت قىلىش، ئۇلارغا كۆڭۈل بۆلۈش، مېيىپلارغا ياخشى مۇھىت يارىتىپ بېرىش پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ ئەخلاقى ۋە مەسئۇلىيىتى، شۇنداقلا جەمئىيەتنىڭ ئادىل تەرەققىي قىلىشىنىڭ زۆرۈر تەلىپى. بىز تېخىمۇ ئادىل، كەڭ قورساق ، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىي قىلىدىغان ئىجتىمائىي مۇھىت يارىتىشىمىز، مېيىپلارنىڭ ئىجتىمائىي تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك. بىز ھەر بىر مېيىپنى كۆپرەك چۈشىنىشىمىز ۋە ئۇنىڭغا ھۆرمەت قىلىشىمىز، كۆپرەك كۆڭۈل بۆلىشىمىز ۋە ياردەم بېرىشىمىز، مېھرى مۇھەببەت ئاتا قىلىشىمىز كېرەك.

  جۇڭگو مېيىپلار جەمئىيىتىنىڭ مەسئۇلى يىغىندا ماقۇللانغان « مېيىپلارنىڭ ئورتاق قاتنىشىشى ۋە بىرلىكتە تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى تەشەببۇسنامە»نى ئوقۇپ ئۆتتى.

  يىغىن ئاياغلاشقاندىن كېيىن، پېڭ لىيۈەن مېھمانلار بىلەن بىرگە مېيىپ سەنئەتكارلارنىڭ ئېسىل ئويۇنىنى كۆردى. مېيىپلار ئورۇنلىغان ئېسىل نومۇرلاردا مېيىپلارنىڭ گۈزەل كەلگۈسىدە بولغان ئىنتىلىشى، ئۇلارنىڭ قەيسەرلىك بىلەن ئېلىشىپ، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، ئۆزىدىن ھالقىپ ئۆتۈشتەك روھى قىياپىتى نامايان قىلىندى.

【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 【6】 【7】 【8】 【9】 【10】 
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز