باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر>>شى جىنپىڭ>>يىغىنلار

APEC نىڭ 22-قېتىملىق رەھبەرلەر بىرەسمىي يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى

2014.11.11 17:08         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاسىيا تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ 22-قېتىملىق رەھبەرلەر بىرەسمىي يىغىنى 11-نويابىر بېيجىڭدا ئېچىلدى. كەلگۈسىگە يۈزلەنگەن ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنى بىرلىكتە بەرپا قىلىش، ئاسىيا تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىدىكى ئىقتىسادىي گەۋدىلەرنىڭ رەھبەرلىرى ياكى ۋەكىللىرى تەكلىپكە بىنائەن يىغىنغا قاتنىشىش بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ ئاساسى تېمىسى بولدى.رەئىس شى جىنپىڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەمدە رىياسەتچىلىك قىلدى.

  يىغىن 11-نويابىر چۈشتىن بۇرۇن ۋە چۈشتىن كېيىن ئىككى باسقۇچ بويىچە ئېچىلدى. چۈشتىن بۇرۇن ئېچىلغان 1-باسقۇچلۇق يىغىنغا رەئىس شى جىنپىڭ رىياسەتچىلىك قىلدى ھەمدە سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: بۇ يىل ئاسىيا تىنچ ئوكيان ئىقتىسادى ھەمكارلىق تەشكىلاتى قۇرۇلغىنىغا 25 يىل بولدى. ھازىر دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىدە يەنىلا كۆپلىگەن مۇقىمسىز،تۇراقسىز ئامىللار بار؛ ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ تەرەققىياتىمۇ يېڭى باسقۇچقا كىردى، شۇڭا پۇرسەت ھەم خىرىس تەڭ مەۋجۇت. شى جىنپىڭ ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ تەرەققىياتتا يولۇقۇۋاتقان بىرقانچە چوڭ مەسىلىسى يەنى رايون ئىقتىسادىي ھەمكارلىقىنىڭ پارچىلىنىپ كېتىش خەتىرىنى قانداق ھەل قىلىش؟ كېيىن خەلقئارا پۇل مۇئامىلە كرىزىسى كۆرۈلگەندە قانداق قىلىپ يېڭى ئېشىش نۇقتىسى ئۈستىدە ئىزدىنىش؟ ئۆز ئارا ئالاقىلىشىش قۇرۇلۇشىدا يولۇقۇۋاتقان مەبلەغ يۈرۈشلەشتۈرۈشتىكى توسالغۇنى قانداق قىلىپ تۈگىتىش مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ مەسىلىگە قارىتا ئۇ يەنە مۇنداق ھەل قىلىش چارىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى: يېڭى ۋەزىيەتكە قارىتا بىز رايون ئىقتىسادىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈشنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىسلاھات يېڭىلىق يارىتىشقا ئومۇميۈزلۈك تۈرتكە بولىشىمىز، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى تىزلىتىشىمىز، كۆپ تەرەپلىك ئۆز ئارا ئالاقە قېلىپىنى بەرپا قىلىشىمىز لازىم.

  شى جىنپىڭ يەنە يىغىندا: كەلگۈسى تەرەققىياتنى بىرلىكتە پىلانلاپ، ئورتاق تونۇشنى ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇپ، بۇنىڭدىن كېيىنكى بەش يىل، ئون يىل ھەتتا 25 يىللىق تەرەققىيات پىلانىنى تۈزۈپ، قەدەممۇ قەدەم پۇختا ئىلگىرىلەشتىن ئىبارەت تەشەببۇسنى ئېلان قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: بىز يەر شارى خاراكتېرلىك خىرىسنى بىرلىكتە كۈتۈۋېلىشىمىز كېرەك. بۇ ھەم ئىقتىسادنى يۈكسەلدۈرۈش مەسىلىسى ھەم تارقىلىشچان كېسەللىك، ئاشلىق بىخەتەرلىكى، ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكى قاتارلىق يەر شارى خاراكتېرلىك مەسىلىلەرگە مۇۋاپىق تاقابىل تۇرۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. شى جىنپىڭ يەنە سۆزىدە مۇنۇلارنى جاكارلىدى: جۇڭگو ئاسىيا تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى مېخانىزمى ۋە ئىقتىدار قۇرۇلۇشى، ھەر قايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇشقا مەدەت بېرىش ئۈچۈن، 10 مىليون ئامېرىكا دوللىرى ئىئانە قىلىدۇ. ئۇندىن باشقا كەلگۈسى ئۈچ يىلدا جۇڭگو ھۆكۈمىتى ئاسىيا تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىدىكى تەرەققىي قىلىۋاتقان ئەزا دۆلەتلەرگە 1500 تەربىيىلەش سانى بېرىپ، بۇنى سودا ۋە مەبلەغ سېلىش قاتارلىق ساھەلەردىكى ئىقتىدار قۇرۇلۇش تۈرلىرىگە ئىشلىتىدۇ.

  چۈشتىن ئىلگىرىكى 1- باسقۇچلۇق يىغىندا كەلگۈسىگە يۈزلەنگەن ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنى بىرلىكتە قۇرۇش تېمىسى ئاستىدا رايون ئىقتىسادىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش، ئىقتىسادتا يېڭىلىق يارىتىش، تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش ۋە ئىقتىسادنى يۈكسەلدۈرۈشنى چۆرىدەپ، كۆپ تەرەپلىك ئۇل ئەسلىھە ۋە ئۆز ئارا ئالاقە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت ئۈچ نۇقتىلىق تېما مۇھاكىمە قىلىندى.

  1-باسقۇچلۇق يىغىندىن كېيىن، رەئىس شى جىنپىڭ ئاسىيا تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر باشلىقلىرى بىلەن كوللېكتىپ سۈرەتكە چۈشتى. ئارقىدىن يىغىن مەركىزىنىڭ جەنۇبىي دەرۋازىسى ئالدىغا ئاسىيا تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى شېرىكلىرى ئورمىنى كۆچىتى تىكتى. بىر ئاز دەم ئېلىۋالغاندىن كېيىن، خىزمەت چۈشلۈك زىياپىتىگە بىرلىكتە قاتناشتى. زىياپەتتە غىزالىنىپلا قالماي ، ئۇلار يەنە كۆپ تەرەپلىك ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى ۋە ئۆز ئارا ئالاقە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش قارالمىسىنى مۇھاكىمە قىلدى. بېيجىڭ ۋاقتى چۈشتىن كېيىن سائەت 14 تە ئاسىيا تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر رەھبەرلىرىنىڭ 2- باسقۇچلۇق بىرەسمى يىغىنى باشلاندى. ئىقتىسادنى ئىلگىرى سۈرۈش؛تەرەققىيات،ئىسلاھاتتا يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئىقتىسادنى يۈكسەلدۈرۈش يىغىننىڭ قارالمىسى بولدى. يىغىندىن كېيىن مۇخبىرلار يىغىنى ئېچىلىپ،مۇخبىرلارغا بۇ قېتىمقى ئاسىيا تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى يىغىنىنىڭ قىسمەن مۇۋەپپەقىيەتلىرى بىرلىكتە جاكارلاندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر