باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

باي ناھىيەلىك نىگار شىركىتى «مەملىكەتلىك ئاساسىي يىمەكلىكلەرنى پىششىقلاپ ئىشلەش بويىچە ئۈلگىلىك كارخانا» دىگەن شەرەپكە ئىرىشتى

2014.11.11 16:20         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  باي ناھىيە سايرام بازارلىق خەلق قۇرۇلتىيى ھەيئەت رىياسىتىدىن قۇربان سايىم خەۋىرى: يېقىندا، باي ناھىيەلىك نىگار كەسپىي تەرەققىيات شىركىتى دېھقانچىلىق مىنىستىرلىكى تەرىپىدىن «مەملىكەتلىك ئاساسىي يىمەكلىكلەرنى پىششىقلاپ ئىشلەش بويىچە ئۈلگىلىك كارخانا» دىگەن شەرەپگە ئېرىشتى. بۇ شەرەپكە ئاپتونوم رايونىمىزدىن تۆت كارخانا ئېرىشكەن بولۇپ، باي ناھىيە نىگار كەسپىي تەرەققىيات شىركىتى بۇ شەرەپكە ئېرىشكەن كارخانىلارنىڭ بىرى، شۇنداقلا پۈتۈن مەملىكەت بويىچە بۇ شەرەپكە ئېرىشكەن بىردىن-بىر ئاز سانلىق مىللەت كارخانىسى بولۇپ قالدى.

  باي ناھىيە نىگار كەسپىي تەرەققىيات شىركىتى 2005-يىلى قۇرۇلغان يېزا ئىگىلىك قۇشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋېلىش، پىششىقلاپ ئىشلەش ۋە سېتىشنى بىر گەۋدە قىلغان پۇقراۋىي كارخانا بولۇپ، توققۇز يىل ئىچىدە دەسلەپكى 200 كۇۋادراتمېتىر كۆلەمدىكى سېختا ئىشلەپچىقىرىش قىلىشتىن تەرەققىي قىلىپ، ھازىرقى 15 مو كۆلەمگە ئىگە، ھەر خىل شارائىتلىرى ئىنتايىن مۇكەممەللەشكەن، باغچىلاشقان زاۋۇت قۇرغان، 10 چوڭ تۈر بويىچە 70 خىلدىن ئارتۇق مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىدىغان مۇكەممەل كارخانىغا ئايلاندى.

  ئىگىلىنىشچە، بۇ يىل دېھقانچىلىق مىنىستىرلىكى قاتلاممۇ-قاتلام تەكشۈرۈش ئارقىلىق مەملىكەت بويىچە 100 كارخانىغا «مەملىكەتلىك ئاساسىي يىمەكلىكلەرنى پىششىقلاپ ئىشلەش بويىچە ئۈلگىلىك كارخانا» دەپ نام بەرگەن. بۇنىڭدىن بۇرۇن ئاپتونوم رايونىمىزدىن بۇ شەرەپكە ئېرىشكەن كارخانا يوق بولۇپ، بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىزدىن مەيچۈەر، نىگار قاتارلىق تۆت شىركەت تۇنجى قېتىم بۇ شەرەپكە ئېرىشكەن.

  نىگار كەسپىي تەرەققىيات شىركىتىنىڭ باشلىقى ئەنۋەر تۇرغۇن ئەھۋال تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دىدى: «بۇ نام بىزنى ئىپتىخارلىققا چۆمدۈردى. كېلەر يىلى شىركەت قۇرۇلغانلىقىغا 10 يىل بولىدۇ. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن شىركىتىمىز باي ناھىيەسىنىڭ قۇشۇمچە يىممەكلىكلەرنى پىششىقلاپ ئىشلەش بازىسىدىن 100 مو يەر ئېلىپ، شۇ يەرگە يېڭى مەھسۇلاتلارغا قارىتا كۆلەملەشكەن چوڭ تىپتىكى زاۋۇتتىن بىرنى قۇرۇپ چىقىپ خەلقىمىزنى تېخىمۇ سۈپەتلىك ۋە ئىشەنچىلىك مەھسۇلات بىلەن تەمىنلەيمىز».

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر