باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

جۇڭگو بىلەن كانادا مۇناسىۋىتى يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلمەكتە

2014.11.13 16:54         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  رايوننىڭ ئۆز ئارا ئالاقىسى ۋە ئەركىن سودىسىدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ ئېقىمنىڭ تۈرتكىسىدە جۇڭگو بىلەن كانادا ئارىسىدىكى ئارىلىق بارغانسېرى يېقىنلاشتى. ئىككى تەرەپنىڭ ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونى ئىشلىرى ھەمكارلىقىدىكى يوشۇرۇن كۈچى ئۈزلۈكسىز جارى قىلدۇرۇلماقتا.

  جۇڭگو بىلەن كانادا ئۇزاق تارىخقا ئىگە دوستلار، 19-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرى ۋە ئاخىرقى مەزگىلىدە، نەچچە مىڭ جۇڭگولۇق ئىشچى كانادا تىنچ ئوكيان تۆمۈر يولىنى ياساشقا قاتنىشىپ، كانادانىڭ شەرقى بىلەن غەربىنى تۇتاشتۇرۇش ئۈچۈن تارىخى تۆھپە قوشتى. 20-ئەسىرنىڭ 30-يىللىرى دوختۇر بېتيون جۇڭگونىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش مەيدانىدا قىممەتلىك ھاياتىنى تەقدىم قىلدى. 60-يىللىرى كانادا غەرب دۆلەتلىرى ئارىسىدا ئالدى بىلەن جۇڭگوغا قارىتىلغان سودا ئىمبارگوسىنى بۇزۇپ بوغداي ئېكسپورت قىلدى،بۇ تەبىئىي ئاپەتكە ئۇچرىغان جۇڭگو خەلقىگە خۇددى قار ياغقاندا ئوتۇن يەتكۈزۈپ بەرگەندەك ئىش بولدى. 70-يىللىرى كانادا يېڭى جۇڭگو بىلەن ئەڭ بالدۇر دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان غەرب دۆلەتلىرىنىڭ بىرىگە ئايلاندى. ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلغان ئىشىك سىرتقا ئېچىۋىتىلگەندىن كېيىن،جۇڭگو يادرو ئېلېكتر ئىستانسىسى، سەنشيا توغىنى قۇرۇلۇشلىرى داۋامىدا كانادانىڭ قىممەتلىك قوللىشىغا ئېرىشتى. تارىختا ئىككى دۆلەت ئۆز ئارا ياردەملىشىپ، ئۈمىد ئۇرۇقىنى چېچىپ، دوستلۇق رىشتىگە ئىگە بولدى.

  جۇڭگو بىلەن كانادانىڭ ھەمكارلىقى داۋاملىق كېڭەيمەكتە. ئۆتكەن يىلى جۇڭگو بىلەن كانادانىڭ سودا سوممىسى 54 مىليارد 500 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يەتتى.جۇڭگو كانادانىڭ 2-چوڭ سودا شېرىكىگە ئايلاندى. جۇڭگونىڭ كاناداغا سالغان مەبلىغى 50 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن ئاشتى.جۇڭگومۇ كانادا كارخانىلىرىنىڭ ئاسىيادىكى ئەڭ چوڭ مەبلەغ سېلىش نىشان دۆلىتىگە ئايلاندى. ئىككى تەرەپ پۇل مۇئامىلە، تېلېگراف، ئاۋىئاتسىيە، پاكىز ئېنېرگىيە، يېزا ئىگىلىكى قاتارلىق ساھەلەردىكى ئۆز ئارا ھەمكارلىقىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈردى. جۇڭگو بىلەن كانادانىڭ يەرلىكلىرىنىڭ ئالاقىسىمۇ كۆپەيدى. ئىككى دۆلەتنىڭ دوست ئۆلكە ، شەھەرلىرى 56 جۇپقا يەتتى. ئۆتكەن يىلى ئىككى دۆلەتتىن 1 مىليون 200 مىڭ ئادەم قېتىم بېرىپ كەلدى، ھەر كۈنى ئۈچ مىڭدىن كۆپرەك كىشى تىنچ ئوكياننىڭ ئىككى تەرىپىگە قاتنىماقتا. بۇ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان دەسلەپكى بىر يىلنىڭ يىغىندىسىدىن كۆپ. ئىككى دۆلەتتىكى ئۆز ئارا بېرىپ ئوقۇيدىغانلار 100 مىڭدىن ئاشتى.

  جۇڭگو بىلەن كانادا مۇناسىۋىتىنىڭ ئىستىقبالى كەڭ. كانادانىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىي تاپقان. ئېنېرگىيە ، كان بايلىقى مول؛ تېخنىكىسى ئىلغار؛ چەتئەللەر بىلەن ھەمكارلىشىش ئارقىلىق بايلىق مەنبەسىنى مال مۈلۈك بايلىقىغا ئايلاندۇرۇش، پەن تېخنىكىنى ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىگە ئايلاندۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ. جۇڭگو سانائەتلەشتۈرۈش، شەھەر بازارلاشتۇرۇشنى سىجىل ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنى تەڭشەش ۋە تىپىدا بۇرۇلۇش ياساپ دەرىجىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولماقتا؛ بايلىق مەھسۇلاتلىرى ۋە مۇلازىمەتچىلىك، زامانىۋى يېزا ئىگىلىكى قاتارلىقلارغا غايەت زور دەرىجىدە موھتاج . جۇڭگودا كەم بولغىنى كانادادا بار، ئىككى تەرەپ ئۆز ئارا پايدا يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىدا مۇھىم پۇرسەت مەزگىلىنى كۈتمەكتە. كېيىنكى باسقۇچتا ئىككى تەرەپ بىرىنچىدىن،ئەركىن سودا كېلىشىمى ئىمزالاپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىساد سودا ھەمكارلىقىغا تېخىمۇ پايدىلىق سىياسەت شارائىتى يارىتىپ بېرىشى كېرەك. ئىككىنچىدىن،جۇڭگو بىلەن كانادا دېڭىز ئېنېرگىيە كارىدورى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ئېنېرگىيە ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشى لازىم. ئۈچىنچىدىن، پۇل مۇئامىلە ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىپ، ئىككى تەرەپلىك پۇل ئالماشتۇرۇش ۋە كانادادا شىمالى ئامېرىكىدىكى تۇنجى خەلق پۇلى سودىسى مەركىزى قۇرۇش ئۈستىدە ئىزدىنىش لازىم. تۆتىنچىدىن، ئادىمىيەت ئالماشتۇرۇشىنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مەدەنىيەت، مائارىپ، ساياھەت قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش كېرەك.

  جۇڭگو بىلەن كانادانىڭ رايون ئىشلىرىدا بىر پىكىردە بولۇشى كۆپەيمەكتە. ئىككى دۆلەت ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونىغا جايلاشقان. رايون ئالاقىسى ۋە ئەركىن سودىدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ ئېقىمنىڭ تۈرتكىسىدە ، ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى ئارىلىق بارغانسېرى يېقىنلاشماقتا، ئىككى تەرەپنىڭ ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونى ئىشلىرى ھەمكارلىقىدىكى يوشۇرۇن كۈچى ئۈزلۈكسىز جارى قىلدۇرۇلماقتا. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئىككى دۆلەت ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونى ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى رايونى مۇنبىرى قاتارلىق رامكىلاردىكى ھەمكارلىقىدا سودا ۋە مەبلەغ سېلىشنى قۇلايلاشتۇرۇش، ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش، دېڭىز بىخەتەرلىكى، رايون قىزىق نۇقتىلىق مەسىلىلىرى قاتارلىق مەسىلىلەردە ئالاقىنى كۈچەيىتمەكتە. ئىككى تەرەپ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، 20 دۆلەت گۇرۇھى، دۇنيا سودا تەشكىلاتى قاتارلىق كۆپ تەرەپلىك ئاپپاراتلاردا قويۇق ماسلىشىپ، تېررورلۇق، كىلىمات ئۆزگىرىشى، تارقىلىشچان كېسەللىك ، ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكى، ئاشلىق بىخەتەرلىكى قاتارلىق دۆلەت ھالقىغان خىرىسلارغا بىرلىكتە تاقابىل تۇرۇپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر