باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ مېكسىكا زۇڭتۇڭى پېنا بىلەن سۆھبەتلەشتى

2014.11.14 09:39   مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

شى جىنپىڭ مېكسىكا زۇڭتۇڭى پېنا بىلەن سۆھبەتلەشتى

  دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 13-نويابىر خەلق سارىيىدا مېكسىكا زۇڭتۇڭى پېنا بىلەن سۆھبەتلەشتى. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى جۇڭگو-مېكسىكا مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۆنىلىش بېكىتىش، پىلان تۈزۈش ئۈچۈن، بىر، ئىككى، ئۈچ ھەمكارلىق يېڭى ئەندىزىسىنى ئورنىتىپ، جۇڭگو-مېكسىكا ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنى قارار قىلدى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن مېكسىكا تەرەققىي قىلىۋاتقان چوڭ دۆلەتلەر ھەم مۇھىم يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان بازار دۆلەتلىرى، مەن سىز بىلەن داۋاملىق يېقىندىن ئۇچرىشىپ، ئالىي لايىھەنى ياخشى قىلىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىك ۋە يىراقنى كۆرۈش نۇقتىسىدىن يېتەكلەپ، بىر-بىرىمىزنىڭ يادرولۇق مەنپەئەت مەسىلىلىرىمىزدە داۋاملىق ئۆز ئارا چۈشىنىپ ۋە قوللاپ، ئىشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى خالايمەن. ئىككى تەرەپ ئىككى دۆلەتنىڭ تەرەققىياتنى ئىستراتېگىيەلىك ماسلاشتۇرۇش نۇقتىسىنى چىڭ تۇتۇپ، ئەمەلىي، كارغا كېلىدىغان، قاراتمىلىق ھەرىكەت پىلانى تۈزۈپ، بىر، ئىككى، ئۈچ ھەمكارلىق يېڭى ئەندىزىسى، يەنى پۇل مۇئامىلە ھەمكارلىقىنى ماتور، سودا ۋە مەبلەغ سېلىش ھەمكارلىقىنى ئاساسىي لىنىيە، ئۇل ئەسلىھە، ئېنېرگىيە، يۇقىرى تېخنىكا ھەمكارلىقىنى مۇھىم نۇقتا قىلغان يېڭى ھەمكارلىق يېڭى ئەندىزىسىنى ئورنىتىشى كېرەك.

  جۇڭگو تېخىمۇ كۆپ مېكسىكا مەھسۇلاتلىرىنىڭ جۇڭگو بازىرىغا كىرىشىنى قارشى ئالىدۇ، كېلەر يىلى جۇڭگودا ئۆتكۈزۈلىدىغان مېكسىكا ساياھەت يىلى ۋە ئىككىنچى نۆۋەتلىك جۇڭگو مېكسىكا ئۇنىۋېرسىتېت مۇدىرلىرى مۇنبىرىنى ياخشى ئۆتكۈزىدۇ، ئىككى تەرەپ كۆپ تەرەپلىك ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، خەلقئارا تەرتىپنىڭ تېخىمۇ ئادىل مۇۋاپىق نىشانغا مۇۋاپىق تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق مەنپەئەتىنى قوغدىشى كېرەك، جۇڭگو مېكسىكا بىلەن يېقىندىن ماسلىشىپ، كېلەر يىلى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلىدىغان جۇڭگو لاتىن ئامېرىكىسى مۇنبىرى تۇنجى نۆۋەتلىك مىنىستىر دەرىجىلىكلەر يىغىنىنى ياخشى ئۆتكۈزۈپ، جۇڭگو بىلەن لاتىن ئامېرىكىسىنىڭ ئومۇمىي ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ.

  پېنا رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ھەققىدە ئوتتۇرىغا قويغان مۇھىم تەشەببۇسىنى پۈتۈنلەي قۇۋۋەتلەيدىغانلىقىنى، مېكسىكىنىڭ جۇڭگو بىلەن خەلقئارا ئىشلاردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى ، لاتىن ئامېرىكىسى بىلەن جۇڭگو مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى داۋاملىق پائال ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  سۆھبەتتىن كېيىن ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى پۇل مۇئامىلە، ئېنېرگىيە، سۈپەت تەكشۈرۈش، مەبلەغ سېلىش، پەن تېخنىكا قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىق ھۆججەتلىرىگە ئىمزا قويۇشقا شاھىد بولدى، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى بىرگە مۇخبىرلار بىلەن كۆرۈشتى.

  مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىئو تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى دوكتور ئاسپىرانت ئوقۇغۇچىسىنىڭ دوكتورلۇق ئۇنۋانىنى ئېلىپ تاشلىدى
      ·138 ئالىي مەكتەپ 180 تۈردە 2014-يىللىق دۆلەتلىك پەن تېخنىكا مۇكاپاتىغا ئېرىشتى 
      ·ئامېرىكىدا بالىنى 18 ياشقىچە بېقىش ئۈچۈن 245 مىڭ دوللار كېتىدۇ
      ·2015-يىلىدىن باشلاپ، شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ باھالاش ئۆلچىمىنى ئۆزگەرتىدۇ، جەريان خاراكتېرلىك ب…
      ·شىنجاڭ: ئەڭ ياخشى مائارىپ بايلىقىنى ئەڭ چەت رايونلارغا يەتكۈزىمىز
      ·«تولۇق 3-يىللىقتا پەقەت ئەدەبىيات، ماتېماتىكا، خەنزۇ تىلىنىلا ئۆگىنىشكە بولمايدۇ»
      ·دۆلەت ھۆكۈمەتنىڭ ئەۋەتىشى بىلەن چەت ئەلدە ئوقۇشقا بۇ يىل 23 مىڭ كىشى قوبۇل قىلدى
      ·جۇڭگو-قازاقىستان مەركىزىي بانكىلىرى ئۆز پۇللىرىنى ئالماشتۇرۇش كېلىشىمى ئىمزالىدى
      ·مەرھابا ئاسپىرانت قىزلار، تىرىشچانلىقىڭلارغا ئاپىرىن
      ·تۈركىيە ۋە ئىتالىيە زۇڭلىسى بىرلەشمە مۇخبىرلار يىغىنى ئۆتكۈزدى(1)