باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ھەمكارلىق تەشكىلاتى رەھبەرلىرى يىغىنلىرىغا قاتنىشىش ۋە بېرمىدا رەسمىي زىيارەتتە بولۇش ئۈچۈن نايپىداۋغا يېتىپ باردى (1)

2014.11.13 17:05   مەنبە: خەلق تورى

لى كېچياڭ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ھەمكارلىق تەشكىلاتى رەھبەرلىرى يىغىنلىرىغا قاتنىشىش ۋە بېرمىدا رەسمىي زىيارەتتە بولۇش ئۈچۈن نايپىداۋغا يېتىپ باردى (1)

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-نويابىر نايپىداۋدىن بەرگەن خەۋىرى: شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ نۆۋەتچى رەئىسى، بېرما فېدېراتسىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭتۇڭى ۋۇ دېڭشېڭنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ شۇ يەر ۋاقتى 12-نويابىر چۈشتىن كېيىن مەخسۇس ئايروپىلان بىلەن نايپىداۋ خەلقئارا ئايرودۇرۇمىغا يېتىپ باردى، ئۇ نايپىداۋدا 17-قېتىملىق جۇڭگو − شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ھەمكارلىق تەشكىلاتى (10+1) رەھبەرلىرى يىغىنى، 17-قېتىملىق شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ھەمكارلىق تەشكىلاتى بىلەن جۇڭگو-ياپونىيە-كورېيە (10+3) رەھبەرلىرى يىغىنى ۋە 9-قېتىملىق شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ھەمكارلىق تەشكىلاتى رەھبەرلىرى يىغىنىغا قاتنىشىدۇ ھەمدە بېرمىدا رەسمىي زىيارەتتە بولىدۇ.

  بېرما ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلىرى ۋە جۇڭگونىڭ بېرمىدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ياڭ خوۋلەن، جۇڭگونىڭ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ھەمكارلىق تەشكىلاتىدا تۇرۇشلۇق ئەلچىسى ياڭ شيۇپىڭ قاتارلىقلار ئايرودۇرۇمغا چىقىپ كۈتۈۋالدى. ئايرودۇرۇمدا قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى. (ۋۇ لېجۈن، لى نىڭ، ۋاڭ تيەنلېلار خەۋىرى جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

【1】 【2】 
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى دوكتور ئاسپىرانت ئوقۇغۇچىسىنىڭ دوكتورلۇق ئۇنۋانىنى ئېلىپ تاشلىدى
      ·138 ئالىي مەكتەپ 180 تۈردە 2014-يىللىق دۆلەتلىك پەن تېخنىكا مۇكاپاتىغا ئېرىشتى 
      ·ئامېرىكىدا بالىنى 18 ياشقىچە بېقىش ئۈچۈن 245 مىڭ دوللار كېتىدۇ
      ·2015-يىلىدىن باشلاپ، شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ باھالاش ئۆلچىمىنى ئۆزگەرتىدۇ، جەريان خاراكتېرلىك ب…
      ·شىنجاڭ: ئەڭ ياخشى مائارىپ بايلىقىنى ئەڭ چەت رايونلارغا يەتكۈزىمىز
      ·«تولۇق 3-يىللىقتا پەقەت ئەدەبىيات، ماتېماتىكا، خەنزۇ تىلىنىلا ئۆگىنىشكە بولمايدۇ»
      ·دۆلەت ھۆكۈمەتنىڭ ئەۋەتىشى بىلەن چەت ئەلدە ئوقۇشقا بۇ يىل 23 مىڭ كىشى قوبۇل قىلدى
      ·جۇڭگو-قازاقىستان مەركىزىي بانكىلىرى ئۆز پۇللىرىنى ئالماشتۇرۇش كېلىشىمى ئىمزالىدى
      ·مەرھابا ئاسپىرانت قىزلار، تىرىشچانلىقىڭلارغا ئاپىرىن
      ·تۈركىيە ۋە ئىتالىيە زۇڭلىسى بىرلەشمە مۇخبىرلار يىغىنى ئۆتكۈزدى(1)