- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
ئىسرائىلىيە شەرقىي ئېروسالىمغا يېڭىدىن تۇرالغۇ ئۆي سېلىش پىلانىنى تەستىقلىدى
2014.11.14 14:55 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
ئېروسالىم شەھەر مەمۇرىيىتى پىلانلاش ۋە قۇرۇلۇش كومىتېتى 12-نويابىر ئېرۇسالىمنىڭ شەرقى شىمالىغا جايلاشقان يەھۇدىي مەھەللىسىگە يېڭىدىن 200 يۈرۈش ئۆي سېلىشنى تەستىقلىدى.
ئېروسالىم شەھەر مەمۇرىيىتى پىلانلاش ۋە قۇرۇلۇش كومىتېتىنىڭ بىر باياناتچىسى مۇنداق دېدى: بۇ 200 يۈرۈش ئۆي يەھۇدىي مەھەللىسى راموتنىڭ شىمالىغا سېلىنىدۇ، بۇ چېكىدىن ئاشقان ئەنئەنىۋى يەھۇدىي مۇرىتلىرىنىڭ تۇرالغۇ ئېھتىياجىنى قامداشنى مەقسەت قىلىدىكەن.
ئىسرائىلىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى 12-نويابىر ئىسرائىلىيەنىڭ يېڭىدىن تۇرالغۇ ئۆي سېلىش پىلانىدىن ئەندىشە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن، ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ باياناتچىسى پۇساجى: ئىسرائىلىيەنىڭ قارارى ئىسرائىلىيە بىلەن پەلەستىن مەسىلىسىنى ئىككى دۆلەت لايىھەسى ئارقىلىق ھەل قىلىشىغا توسقۇنلۇق قىلىدۇ دېگەن.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر