باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

20 دۆلەت گۇرۇھى ھەققىدە

2014.11.15 13:59         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  قۇرۇلۇشى: 20 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ قۇرۇلۇشى 7 دۆلەت گۇرۇھى مالىيە مىنىستىرلىرى يىغىنىدا 1999-يىلى ئوتتۇرىغا قويۇلغان، ئەڭ بۇرۇن مالىيە مىنىستىرلىرى ۋە مەركىزىي بانكا باشلىقلىرى مېخانىزمى بولۇپ، 2008-يىلى خەلقئارا پۇل-مۇئامىلە كىرىزىسىدىن كېيىن، رەھبەرلەر يىغىنى دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلگەن. 2009-يىلى 9-ئايدا ئۆتكۈزۈلگەن پىتسبۇرگ رەھبەرلەر يىغىنىدا، 20 دۆلەت گۇرۇھى خەلقئارا ئىقتىسادىي ھەمكارلىقىدىكى ئاساسلىق مۇنبەر بولۇپ قاللدى.

  تەشكىللىنىشى: جۇڭگو، ئارگېنتىنا، ئاۋسترالىيە، برازىلىيە، كانادا، فرانسىيە، گېرمانىيە، ھىندىستان، ھىندۇنىزىيە، ئىتالىيە، ياپونىيە، كورېيە، مېكسىكا، روسىيە، سەئۇدىي ئەرەبىستان، جەنۇبىي ئافرىقا، تۈركىيە، ئەنگىلىيە، ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى قاتارلىق 20 تەرەپتىن تەشكىللەنگەن.

  ئالاھىدىلىكى: 20 دۆلەت گۇرۇھى ئەزالىرى كەڭ تارقالغان، ۋەكىللىكى كۈچلۈك، تۈزۈلۈشى تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەر بىلەن تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ۋە ئوخشىمىغان رايونلارنىڭ مەنپەئەت تەڭپۇڭلۇقىغا ئېتىبار بەرگەن، نوپۇسى پۈتۈن دۇنيا نوپۇسىنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسمىنى، دۆلەت زېمىنى يەر شارىنىڭ %60 نى، دۆلەت ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى يەرشارىنىڭ %90 نى، سودا سوممىسى يەرشارىنىڭ %80 نى ئىگىلىگەن.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر