باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

شاڭخەي شەھىرى ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى بىۋاسىتە تولۇق كۇرسقا ئۆرلەپ ئوقۇش نۇقتىدا سىناق قىلىشنى يولغا قويدى

2014.11.15 08:53         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئوقۇغۇچىلار باسقۇچ ئالماشتۇرۇش ئىمتىھانىغا قاتنىشىشى كېرەك، مەدەنىيەت دەرسى 50 پىرسەنتنى، ماھارەت سىناش نىسبىتى 50 پىرسەنتنى ئىگىلىشى كېرەك.

  گېزىتىمىز شاڭخەي 13-نويابىر تېلېگراممىسى (مۇخبىر جياڭ خۇڭبىڭ) بۇنىڭدىن كېيىن ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپ ئوقۇتۇشنىڭ ئاخىرىقى نۇقتىسى بولمايدۇ، ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئالىي مەكتەپلەرگە بىۋاسىتە ئۆرلەپ ئوقۇسا بولىدۇ. 12-نويابىر شاڭخەي شەھىرى ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئالىي مەكتەپلەرگە بىۋاسىتە ئۆرلەپ ئوقۇشىنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى تۇنجى قېتىم باشلىدى.

  شاڭخەي شەھەرلىك مائارىپ كومىتېتى ئېلان قىلغان ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئالىي مەكتەپلەرگە بىۋاسىتە ئۆرلەپ ئوقۇشىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش لايىھەسىدە ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئۆرلەپ ئوقۇش ئىمتىھانىغا قاتنىشىپ ئالىي مەكتەپلەرگە بىۋاسىتە ئۆرلەپ ئوقۇسا بولىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بۇ خىل ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش مۇددىتى 7 يىل بولۇپ، بۇ جەرياندا ئاساسلىقى تېخنىكا ماھارىتى تىپدىكى دەرسلەر سىناق تەرىقىسىدە ئۆتۈلىدۇ. بۇ يىل 9-ئايدىن باشلاپ شاڭخەي شەھىرىدىكى 5 مەكتەپ تۇنجى تۈركۈمدە ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئالىي مەكتەپلەرگە بىۋاسىتە ئۆرلەپ ئوقۇشىنى نۇقتىدا سىناق قىلىشقا قاتنىشىپ 120 ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنىدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر