باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

پۈتۈن دۇنيادا يولۇچىلار ئايروپىلانى ئىككى ھەسسىدىن كۆپرەك كۆپىيىدۇ

كەلگۈسى 20 يىلدا جۇڭگو بازىرى 5000 دىن ئارتۇق يولۇچىلار ئايرۇپىلانىغا ئېھتىياجلىق

2014.11.15 08:58         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13-نويابىر جۇخەيدىن بەرگەن خەۋىرى: جۇڭگو سودا ئايروپىلانى شىركىتى بۇ قېتىمقى جۇخەي ئاۋىئاتسىيە كۆرگەزمىسىدە ئېلان قىلغان «جۇڭگو سودا ئايروپىلانى بازىرى مۆلچەر دوكلاتى»دا كەلگۈسى 20 يىلدا جۇڭگو بازىرى 5551 غول لىنىيەلىك ۋە تۈز لىنىيەلىك يولۇچىلار ئايرۇپىلانىغا ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكى كۆرسىتىلدى. پۈتۈن دۇنيادا ئاۋىئاتسىيە يولۇچىلار توشۇش مىقدارى ھەر يىلى % 4.8 سۈرئەتتە، جۇڭگو ئاۋىئاتسىيە يولۇچىلار توشۇش مىقدارى ھەر يىلى % 6.8 سۈرئەتتە ئاشماقتا، جۇڭگو ۋەكىللىكىدىكى يېڭى گۈللەنمە ئىقتىسادىي گەۋدە دۆلەتلىرىنىڭ ئاۋىئاتسىيە ئېھتىياجى دۇنيا ئوتتۇرچە سەۋىيەسىدىن يۇقىرى. 2033-يىلىغا كەلگەندە دۇنيا ئاۋىئاتسىيە يولۇچىلار توشۇش مىقدارى ھازىرقىنىڭ 2.6 ھەسسىگە توغرا كېلىدۇ. (يۈ جيەنبىن خەۋىرى، جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى )

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر