دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 13-نويابىر مېكسىكا زۇڭتۇڭى پېنا بىلەن دۆلەت مۇزېيىدا ئۆتكۈزۈلگەن «مايا-گۈزەل تىل» ناملىق مەدەنىيەت كۆرگەزمىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى. شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن مېكسىكا ئۇزاق تارىخقا ۋە پارلاق مەدەنىيەتكە ئىگە بولۇپ، ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىياتىغا ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشقان. زۇڭتۇڭ پېنا بۇ قېتىم جۇڭگودا زىيارەتتە بولغان مەزگىلدە، ئىككى تەرەپنىڭ مايا مەدەنىيەت كۆرگەزمىسىنى بىرلىكتە ئۆتكۈزۈشى-ئىككى دۆلەتنىڭ مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشىدىكى كاتتا ئىش. مەدەنىيەت كۆرگەزمىسى قاتارلىق پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق، مۇزېيلاردا ساقلىنىۋاتقان مەدەنىي يادىكارلىقلار، بىپايان زېمىندا ساقلىنىپ تۇرغان مىراسلار، قەدىمكى كىتابلاردا خاتىرىلەنگەن مەزمۇنلارغا جان كىرگۈزۈپ، ئىككى دۆلەت خەلقىنى ماكان-زامان، دۆلەت چېگراسىدىن ھالقىتىپ، بىر-بىرىنىڭ ئېسىل مەدەنىيەتلىرىنى ھېس قىلدۇرۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ ئۇزاق تارىخقا ئىگە دوستلۇقىغا يېڭى ھاياتىي كۈچ ئاتا قىلغىلى بولىدۇ. جۇڭگو مېكسىكا بىلەن بىرلىكتە، مەدەنىيەتلەرنىڭ ئۆز ئارا سىغدۇرۇشى، ئۆز ئارا ئەينەك قىلىشى، ئۆز ئارا ئالاقىسىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يېڭى تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ.
پېنا مۇنداق دېدى: مايا مەدەنىيىتى-ئامېرىكا قىتئەسىدىكى ھىندىيان مەدەنىيىتىنىڭ بۆشۈكى، ئىنسانىيەت ئۈچۈن قالدۇرغان قىممەتلىك مىراس بولۇپ، قەدىمكى دەۋردىكى تەرەققىي تاپقان مەدەنىيەتلەرنىڭ بىرى، بۇ قېتىم بۇ مەدەنىيەتنى جۇڭگودا كۆرگەزمە قىلىش-ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ ئۆز ئارا چۈشىنىشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ يېڭى كۆۋرۈكىگە ئايلاندۇرۇشنى مەقسەت قىلىدۇ. مېكسىكا بىلەن جۇڭگو ئۇزاق تارىخ ۋە پارلاق ئىستىقبالغا ئىگە دۆلەتلەر، مەن ئىككى دۆلەتنىڭ تېخىمۇ كۆپ ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن، تېخىمۇ كۆپ جۇڭگو ئاممىسىنىڭ مېكسىكىغا بېرىپ مېكسىكا مەدەنىيىتىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈپ چۈشىنىشىنى قارشى ئالىمەن.
مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى