- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


ياپونىيە تاراتقۇلىرى: ئابې شىنزو بۇ يىل ئىچىدە ئاۋام پالاتاسىنى تارقىتىۋېتىپ سايلام ئۆتكۈزمەكچى
2014.11.14 14:57 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
ياپونىيە تاراتقۇلىرىنىڭ تۈنۈگۈنكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ياپونىيەنىڭ باش ۋەزىرى ئابې شىنزو ئەڭ بالدۇر بولغاندىمۇ 19-نويابىر ئاۋام پالاتاسىنى تارقىتىۋېتىپ، مۇددەتتىن بۇرۇن سايلام ئۆتكۈزمەكچى بولغان. ئەركىن دېموكراتلار پارتىيەسى ، ئادالەتچىلەر پارتىيەسىدىن ئىبارەت ئىككى پارتىيەنىڭ يۇقىرى قاتلىمىدىكى ئەرباپلارنىڭ ئاشكارىلشىچە، ئابى شىنزو يېقىندا ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيەنىڭ كادىرلىرىغا مۇددەتتىن بۇرۇن سايلام ئۆتكۈزۈش ئوينىڭ بارلىقىنى ئېيتقان. ئابې شىنزونىڭ ئويى بويىچە، ئۇ 19-نويابىر ئاۋام پالاتاسىنى تارقىتىۋېتىپ، 2-دېكابىر سايلام ئۆتكۈزىدۇ ھەمدە 14-نويابىر ئاۋازغا قويىدۇ. تاراتقۇلار مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئابې شىنزو ھاكىمىيىتى بىر قاتار سەتچىلىك زەربىسىگە ئۇچرىغاندىن كېيىن، ھازىرقى قوللاش نىسبىتى چۈشۈپ كېتىشتىن بۇرۇن، ئۆكتىچى پارتىيەنىڭ قايتۇرما زەربە بېرىشكە ئامال قىلالمىغان پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئالدىن قول سالماقچى بولىۋاتىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر