باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ ۋېزىدا ئۆزئارا ئېتىبار بېرىش ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە نەپكە ئېرىشكەن تۇنجى تۈركۈمدىكى جۇڭگولۇقلار يېڭى ۋېزىغا ئېرىشتى

2014.11.13 17:14         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  11-ئاينىڭ 12-كۈنى، ئامېرىكىنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسىنىڭ ۋېزا بېجىرىش ئورنىدا ئامېرىكا گوۋۇيۈەنىنىڭ زۇڭلىسى كېررېي ئامېرىكىنىڭ 10 يىللىق ۋېزىسىغا ئېرىشكەن جۇڭگولۇقلارغا يېڭى ۋېزا تارقىتىپ بەردى. (شىنخۇا ئاگنېتلىقى مۇخبىرى ۋاڭ شېن فوتوسى)

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: 11-ئاينىڭ 12-كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئامېرىكىنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسىدا ئامېرىكا گوۋۇيۈەنىنىڭ زۇڭلىسى كېررېي جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ ۋېزىدا ئۆزئارا ئېتىبار بېرىش ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە نەپكە ئېرىشكەن تۇنجى تۈركۈمدىكى جۇڭگولۇقلارغا يېڭى ۋېزا تارقىتىپ بەردى.

  بۇنىڭدىن ئىلگىرى، جۇڭگو-ئامېرىكا قارشى تەرەپكە بېرىپ سودا ۋە ساياھەت قىلىدىغان پۇقرالارغا ئەڭ ئۇزاق بولغاندا 10 يىل ئىشلەتكىلى ۋە چېگرادىن كۆپ قېتىم كىرىپ چىققىلى بولىدىغان يېڭى ۋېزا بېرىلىدىغانلىقى، ئوقۇشقا بارىدىغان پۇقرالارغا ئەڭ ئۇزاق بولغاندا 5 يىل ئىشلەتكىلى ۋە چېگرادىن كۆپ قېتىم كىرىپ چىققىلى بولىدىغان ۋېزا بېرىلىدىغانلىقىنى جاكارلىغانىدى.

  ئامېرىكىنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسىنىڭ دېيىشىچە، بۇ تەدبىر بويىچە، جۇڭگو-ئامېرىكا ئارىلىقىدا قاتنايدىغان پۇقرالار قايتا ۋېزا ئىلتىماس قىلمىسىمۇ ۋە ۋېزا پۇلى تاپشۇرمىسىمۇ بولىدىكەن. بۇ تەدبىر جۇڭگولۇق ساياھەتچىلەرنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشىشى مۇمكىن. بۇ ئىش تۈپەيلىدىن ئېشىپ كەتكەن خىزمەت مىقدارىنى ئامېرىكا تەرەپ ۋېزا بېجىرىش سۈرئىتىنى تېزلىتىش ئارقىلىق ھەل قىلىدىكەن. (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر