جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 13-نويابىر بېيجىڭ خەۋىرى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ تۈنۈگۈن خەلق سارىيىدا چىلى زۇڭتۇڭى باچىلەيت بىلەن سۆھبەتلەشتى. شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن چىلى بىر-بىرىگە قاتتىق ئىشىنىدۇ، بىز بۇ ئەۋزەللىكنى ھەمكارلىق ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچىگە ئايلاندۇرۇپ، جۇڭگو بىلەن چىلىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنى داۋاملىق مۇقىم راۋاجلاندۇرۇشىمىز كېرەك. نۆۋەتتە ئىككى دۆلەت ئىسلاھات، تەرەقىياتنىڭ ئاچقۇچلۇق مەزگىلىدە تۇرماقتا، بىز مەنپەئەتنىڭ بېرىكىش نۇقتىسىنى تېپىپ چىقساقلا، ھەمكارلىق يۇشۇرۇن كۈچىنى تولۇق قوزغاپ، ئورتاق تەرەققىي قىلالايمىز. ئىككى تەرەپ ئىككى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئورتاق ھەرىكەت پىلانىنى تېزدىن تۈزۈشى، بولۇپمۇ جۇڭگو-چىلى ئەركىن سودا رايونىنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىشنى پۇرسەت بىلىپ، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇش، پاكىزە ئېنېرگىيە، يېزا ئىگىلىكى، پۇل مۇئامىلە، پەن-تېخنىكا قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، كېلەر يىلى چىلى-جۇڭگو مەدەنىيەت يىلى پائالىيىتىنى ياخشى ئۆتكۈزۈشى كېرەك.
باچىلەيت مۇنداق دېدى: چىلى ئىككى تەرەپلىك سودىغا مەبلەغ سېلىش ھەمكارلىقى ۋە ئىككى تەرەپنىڭ پۇلىنى ئۆزئارا ئالماشتۇرۇشنى پائال ئىلگىرى سۈرۈش، جەنۇبىي قۇتۇپ ئىشلىرىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى، جۇڭگونىڭ تىنچ ئوكيان بىلەن ئاتلانتىك ئوكياننى تۇتاشتۇرىدىغان «ئىككى ئوكيان تۇنىلى»نى قۇرۇشقا قاتنىشىش ھەققىدە ئويلىشىپ كۆرۈشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.
كۆرۈشۈشتىن ئاۋال شى جىنپىڭ خەلق سارىيىنىڭ شىمالىي زالىدا باچىلەيت شەرىپىگە قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈدى.
مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى