باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>مائارىپ

ئامېرىكىدا بالىنى 18 ياشقىچە بېقىش ئۈچۈن 245 مىڭ دوللار كېتىدۇ

2015.01.12 10:13   مەنبە: خەلق تورى

ئامېرىكىدا بالىنى 18 ياشقىچە بېقىش ئۈچۈن 245 مىڭ دوللار كېتىدۇ

  بەزىلەر بەلكىم ئامېرىكىدا يەيدىغان، كېيىدىغان نەرسىلەر بەكلا ئەرزان، ھۆكۈمەتكە قاراشلىق ئوتتۇرا- باشلانغۇچ مەكتەپلەردە ئوقۇش ھەقسىز، شۇڭا بالا بېقىش ناھايىتى ئاسان دەپ قارىشى مۇمكىن. ئەمەلىيەتتە بۇنداق ئەمەس، ئامېرىكا يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقى ئەڭ يېڭى ئېلان قىلغان دوكلاتتا بايقىلىشچە، ئامېرىكىدا يىللىق كىرىمى 61 مىڭ 500 ئامېرىكا دوللىرىدىن 106 مىڭ 500 ئامېرىكا دوللىرىغىچە بولغان ئوتتۇرىھال كىرىملىك ئائىلىلەردە، 2013-يىلى تۇغۇلغان بىر بالىنى 18 ياشقىچە بېقىش ئۈچۈن 245 مىڭ 300 ئامېرىكا دوللىرى سەرپ بولىدىكەن، بۇ ساننى 2012-يىلىغا سېلىشتۇرغاندا %1.8، 1960-يىلى تۇنجى قېتىم ئېلان قىلىنغان دوكلاتتىكى سانلىق مەلۇماتقا سېلىشتۇرغاندا 24% ئۆرلىگەن.

  بالا بېقىش چىقىمى ئىچىدە، ئەڭ زور نىسبەتنى ئىگىلەيدىغىنى تۇرالغۇ بولۇپ، تەخمىنەن %30 نى ئىگىلەيدۇ؛ ئۇنىڭدىن قالسا بالىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش ۋە تەربىيەلەش ھەققى بولۇپ، تەخمىنەن %18 نى ئىگىلەيدۇ، ئۇنىڭدىن كېيىنكىسى يېمەكلىك بولۇپ، تەخمىنەن %16 نى ئىگىلەيدۇ، قاتناش تەخمىنەن %15 نى، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى تەخمىنەن %8 نى، كىيىم تەخمىنەن %6 نى ئىگىلەيدۇ. ئەلۋەتتە، بالا بېقىشتا نامراتلارنىڭ نامراتلارچە ئۇسۇلى، بايلارنىڭ بايلارچە ئۇسۇلى بار. يىللىق كىرىمى 61 مىڭ 500 ئامېرىكا دوللىرىدىن تۆۋەن بولغان ئائىلىلەردە بىر بالىنى 18 ياشقىچە بېقىش ئۈچۈن 176 مىڭ 600 ئامېرىكا دوللىرى سەرپ بولىدۇ؛ يىللىق كىرىمى 106 مىڭ 500 ئامېرىكا دوللىرىدىن يۇقىرى بولغان ئائىلىلەردە بىر بالىنى 18 ياشقىچە بېقىش ئۈچۈن 407 مىڭ 800 ئامېرىكا دوللىرى سەرپ بولىدۇ.

  تەكشۈرۈشتە بايقىلىشچە، ئامېرىكىدىكى تۆۋەن كىرىملىك ئائىلىلەرنىڭ باجدىن ئىلگىرىكى كىرىمىنىڭ تۆتتىن بىر قىسمى بالا بېقىشقا سەرپ بولىدۇ، ئوتتۇرىھال كىرىملىك ئائىلىلەرنىڭ باجدىن ئىلگىرىكى كىرىمىنىڭ %16 تىن بالا بېقىشقا سەرپ بولىدۇ، يۇقىرى كىرىملىك ئائىلىلەرنىڭ تېخىمۇ تۆۋەن بولۇپ، باجدىن ئىلگىرىكى كىرىمىنىڭ %12 تىلا بالا بېقىشقا سەرپ بولىدۇ. ئامېرىكىنىڭ شەرقىي شىمال رايونىدا ئولتۇراقلاشقان كىشىلەرنىڭ بالا بېقىش تەننەرخى ئەڭ يۇقىرى، جەنۇبىي قىسمىدا ئولتۇراقلاشقان كىشىلەرنىڭ بالا بېقىش تەننەرخى ئەڭ تۆۋەن. كۆپ بالىلىق ئائىلىلەرنىڭ بالا بېقىش تەننەرخى ئەكسىچە تۆۋەن بولۇپ، ئۈچتىن كۆپ بالا بار ئائىلىلەردە ھەر بىر بالىنىڭ ئوتتۇرىچە چىقىمىنى بىرلا بالا بار ئائىلىغا سېلىشتۇرغاندا %22 ئاز بولغان.

  دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، بۇ يەردە ئېيتىلىۋاتقان بالا بېقىش چىقىمى بالىلارنىڭ ئالىي مەكتەپتىكى خىراجىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ، ئەمەلىيەتتە بۇ ناھايىتى چوڭ بىر قىسمىدۇر. خۇش خەۋەر شۇكى، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئامېرىكىدا پۇل پاخاللىشىش نىسبىتى بىر قەدەر تۆۋەن بولغاچقا، بالا بېقىش تەننەرخىنىڭ ئېشىش كۆلىمى ئانچە چوڭ بولمىدى، ئەمما ئامېرىكىلىقلارنىڭ ئوتتۇرىچە كىرىمى يەنىلا پۇل مۇئامىلە كرىزىسى يۈز بېرىشتىن ئىلگىرىكىگە سېلىشتۇرغاندا %8 ئازىيىپ كەتكەچكە، بالا بېقىش نۇرغۇن ئائىلىلەرگە نىسبەتەن يېنىك يۈك ھېسابلانمايدۇ.

  ئامېرىكىدىكى جۇڭگولۇقلار ئائىلىسى بىر قەدەر ئىنچىكە ھېساب قىلىدىغان بولغاچقا، ھەمدە بالىنىڭ تەربىيەلىنىشىگە ئەھمىيەت بېرىدىغان بولغاچقا، بالا بېقىش تەننەرخىدە ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىك شەكىللەنگەن. مەسىلەن، جۇڭگولۇق بالىلارنىڭ شەخسىي مەكتەپتە ئوقۇش نىسبىتى ئاق تەنلىك ئوتتۇرا بۇرژۇئازىيە سىنىپىدىكى ئائىلىلەردىكىدەك يۇقىرى ئەمەس، جۇڭگولۇقلار ئادەتتە ياخشىراق ھۆكۈمەت مەكتەپلىرىنىڭ ئوقۇش رايونىدا ئۆي سېتىۋېلىشنى ياقتۇرىدۇ، بۇ ھالدا بالىسىنى مەكتەپتە ئوقۇتۇشتا پۇل كەتمەيدۇ، ئەمما بۇ جايدىكى ئۆيلەرنىڭ باھاسى ئىنتايىن قىممەت بولغاچقا، بالا تەربىيەلەش تەننەرخى ئىچىدە تۇرالغۇنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى تۆۋەن بولمايدۇ.

  ئادەتتە ھۆكۈمەت ئىلكىدىكى مەكتەپلەردە ئوقۇشتا پۇل ئالمايدۇ، ئەمما جۇڭگولۇق بالىلارنىڭ دەرستىن سىرتقى پائالىيىتى ۋە دەرستىن سىرتقى تەكرارلاش كۇرسى ئاز ئەمەس، بۇلارنىڭ ھەممىسىگە پۇل كېتىدۇ. مەسىلەن، مەكتەپنىڭ مۇزىكا ئەترىتىگە قاتناشقاندا، چالغۇغا يۇقىرى تەلەپ قويۇلىدۇ، ئادەتتە بىر دانە ياخشىراق ئىسكىرىپكىنىڭ باھاسى 2-3 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىدىن كەم ئەمەس، ھەر ھەپتىدە دەرس تەكرارلاش ئۈچۈن خۇسۇسىي ئوقۇتقۇچى تەكلىپ قىلغاندا بىر سائەتتە 50- 60 ئامېرىكا دوللىرى خەجلەشكە توغرا كېلىدۇ. تەنتەربىيە تۈرلىرىمۇ ئوخشاش، مەشىق خىراجىتىدىن سىرت، يەنە سىرتقا چىقىپ مۇسابىقە ئويناشقىمۇ ئۆز يېنىدىن پۇل چىقىرىشقا توغرا كېلىدۇ. پەن- تېخنىكا يازلىق لاگىرى، ئىمتىھان تەكرارلاش سىنىپى ئۈچۈن ئوقۇش خىراجىتىلا مىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدۇ.

  ئامېرىكىدا يەسلى ۋە بالىلار باغچىسىنىڭ خىراجىتىمۇ ناھايىتى يۇقىرى بولۇپ، ھەر ئايدا ئاساسەن مىڭ ئامېرىكا دوللىرىدىن كەم بولمايدۇ. جۇڭگولۇقلار ئىچىدە قوش خىزمەتچى ئائىلىسى كۆپ بولغاچقا، بالىسىنى يەسلى ۋە بالىلار باغچىسىغا ئاپىرىش ئۈچۈن كېتىدىغان خىراجەتمۇ ئاز ئەمەس. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، بالىلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش ۋە تەربىيەلەش جەھەتتىكى سېلىنمىمۇ ناھايىتى كۆپ چىقىم ھېسابلىنىدۇ. قاتناش ھەققى جەھەتتە، ئادەتتە بالىلارنى مەكتەپكە ۋە دەرستىن سىرتقى پائالىيەتلەرگە ئاپىرىش، ئەكىلىش چىقىمىدىن سىرت، ھەر يىل يازلىق تەتىلدە دۆلىتىگە قايتىپ تۇغقان يوقلاش، ساياھەت قىلىشمۇ ئاز چىقىم ئەمەس، ھەر يىلى ھەر بىر بالا ئۈچۈن ئاز دېگەندىمۇ 1-2 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى خەجلەشكە توغرا كېلىدۇ. داۋالىنىش سۇغۇرتىسى جەھەتتە، جۇڭگولۇقلار ئىچىدە ئوتتۇرا- كىچىك كارخانىچىلار كۆپ، كىچىك شىركەتلەردە ئىشلەيدىغانلار كۆپ بولغاچقا، بالىلارنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنى دائىم ئۆزى سېتىۋېلىشقا توغرا كېلىدۇ، ھەر ئايدا 3-4 يۈز ئامېرىكا دوللىرى خەجلەش مۇقەررەر ئىش، چىش دوختۇرىغا كۆۈنۈش، چىشقا چەمبىرەك سېلىش قاتارلىقلار ئۈچۈن 10 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىغىچە چىقىم قىلىش ئادەتتىكى ئىش ھېسابلىنىدۇ.

  ئەڭ مۇھىم بىر نۇقتا شۇكى، ئەگەر بالىلار ياراملىق ئادەم بولۇپ، داڭلىق خۇسۇسىي ئۇنىۋېرسىتېتقا ئۆتەلىسە، ھەر يىلى 50 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىلىق ئوقۇش پۇلى ساقلاپ تۇرىدۇ، ئەمما بۇلار بالىلارنىڭ 18 ياشتىن ئىلگىرىكى بېقىش چىقىمى ئىچىگە كىرگۈزۈلمەيدۇ، شۇنداقتىمۇ ئاتا- ئانىلار بالىلىرى كىچىك چېغىدىن باشلاپلا بۇنىڭغا تەييارلىق قىلىشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز