باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>ئىقتىساد ئۇچۇرلىرى

جۇڭگو-قازاقىستان مەركىزىي بانكىلىرى ئۆز پۇللىرىنى ئالماشتۇرۇش كېلىشىمى ئىمزالىدى

2014.12.15 10:16         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو خەلق بانكىسى ئېلان قىلغان خەۋەرگە قارىغاندا، جۇڭگو خەلق بانكىسى بىلەن قازاقىستان دۆلەت بانكىسى، يەنى قازاقىستان مەركىزىي بانكىسى 14-دېكابىر ئىككى تەرەپنىڭ ئۆز پۇللىرىنى ئۆز ئارا ئالماشتۇرۇش كېلىشىمىنى ئىمزالىغان شۇنداقلا ئىككى تەرەپنىڭ ئۆز پۇلى بىلەن راسچوت قىلىش ۋە چىقىم قىلىش يېڭى كېلىشىمىنى ئىمزالىغان.

  مۇخبىرنىڭ جۇڭگو خەلق بانكىسىدىن ئۇقۇشىچە، ئىككى دۆلەتنىڭ ئۆز پۇللىرىنى ئۆز ئارا ئالماشتۇرۇش كېلىشىمىنىڭ كۆلىمى يەتتە مىليارد يۈەن، يەنى 200 مىليارد قازاقىستان تەڭگىسى كېلىدىكەن، كېلىشىم ئۈچ يىل كۈچكە ئىگە بولىدىكەن، ئىككى تەرەپنىڭ قوشۇلۇشى ئارقىلىق، كېلىشىمنىڭ مۇددىتى ئۇزارتىلسا بولىدىكەن. جۇڭگو بىلەن قازاقىستان ئۆز پۇللىرى بىلەن راسچوت قىلىش ۋە چىقىم قىلىش كېلىشىمى ئىمزالىغاندىن كېيىن، ئىككى دۆلەتنىڭ ئۆز پۇللىرى بىلەن راسچوت قىلىشتىكى چېگرا سودىسى ئادەتتىكى سودىغىچە كېڭىيىدۇ. ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي پائالىيەت ئاساسىي گەۋدىلىرى خەلق پۇلى، قازاقىستان تەڭگىسىنى ئەركىن ئالماشتۇرۇپ، تاۋار ۋە مۇلازىمەت جەھەتتە راسچوت ھەم چىقىم قىلىشنى ئىختىيارىي قارار قىلسا بولىدۇ.

  جۇڭگو خەلق بانكىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق دېدى: بۇ تەدبىرلەر-ئىككى دۆلەتنىڭ پۇل مۇئامىلە ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى تەرەپلىك سودا ۋە مەبلەغ سېلىشنى قولايلاشتۇرۇپ، رايون پۇل مۇئامىلىسىنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداشقا پايدىلىق، بۇ-جۇڭگو-قازاقىستان پۇل مۇئامىلە ھەمكارلىقىنىڭ يېڭى باسقۇچقا كىرگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر