باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>ئاڭلىغانمۇسىز

سەئۇدىلىق يىگىت توي كۈنى ئاجرىشىشنى تەلەپ قىلدى

2014.11.20 16:37   مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

سەئۇدىلىق يىگىت توي كۈنى ئاجرىشىشنى تەلەپ قىلدى

  چەتئەل تاراتقۇسىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا يېقىندا سەئۇدىلىق تويى بولغان بىر يىگىت توي كۈنىلا ئۆزىنىڭ ئايالىدىن ئاجرىشىشنى تەلەپ قىلغان. ئەسلىدە فوتوگراف بۇ يېڭى توي قىلغان قىز-يىگىتنى سۈرەتكە تارتماقچى بولغاندا، يىگىت كېلىنچەكنىڭ چىرايىنى تۇنجى قېتىم كۆرۈپلا نارازى بولغان ئىكەن.

  سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ غەربىي قىسمىغا جايلاشقان مەدىنىدىكى بىر كىچىك بازاردىن كەلگەن بۇ يېڭى توي قىلغان قىز-يىگىت ئۆزئارا يۈز كۆرۈشمىگەن ئەھۋالدا توي قىلىشقا قوشۇلغان، بۇ بىر خىل بەزىبىر ئوتتۇرا شەرق دۆلەتلىرىدىكى ئەنئەنىۋى ئادەت. لېكىن كېلىنچەك ئۆزىنىڭ چۈمبىلىنى ئېلىۋېتىپ ئېرى بىلەن تۇنجى قېتىم سۈرەتكە چۈشمەكچى بولۇپ فوتو ئاپپاراتىغا كۈلۈمسىرەپ قارىغان ۋاقىتتا تويى بولىۋاتقان يىگىت تېخى باشلانمىغان بۇ نىكاھدىن بىزار بولغان.

  تويى بولغان يىگىت سورۇندىكى بارلىق كىشىلەر ئالدىدا مۇنداق دېگەن: «سىز مېنىڭ تەسەۋۋۇرۇمدىكىگە ئوخشىمايدىكەنسىز، مېنى كەچۈرۈڭ لېكىن مەن چوقۇم سىز بىلەن ئاجرىشىپ كېتىمەن.» شۇ يەردىكى تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، كېلىنچەك بۇ شۇم خەۋەرنى ئاڭلىغاندىن كېيىن پۈتۈنلەي تۈگىشىپ قاتتىق يىغلاپ كەتكەن. سورۇندىكى مېھمانلارمۇ بۇ خىل ئەھۋالدىن چۆچۈپ كېتىپ ئىككىيلەننى قايتىدىن ئەپلەشتۈرۈپ قويماقچى بولغان بولسىمۇ لېكىن تىرىشچانلىقلار ئۈنۈم بەرمىگەن. خەۋەردە مۇنداق دېيىلگەن: «تويى بولغان يىگىت تويى بولۇشتىن ئىلگىرى كېلىنچەكنىڭ چىرايىنى كۆرۈپ باقمىغانلىقىنى ئېيتتى، يىگىت ئاجرىشىشنى ئوتتۇرىغا قويغاندىن كېيىن كېلىنچەك ئېغىر زەربىگە ئۇچرىدى، توي شۇ ھامان ئازابلىق كېچىگە ئايلاندى.» بۇ ئىشتىن كېيىن نۇرغۇن ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇلىرى بۇ يىگىتنى تەنقىد قىلىپ ئۇنىڭ قىلمىشى «مەسئۇلىيەتسىزلىك»، «ئۇ پەقەت چىرايىغىلا قارىماي ئىچكى گۈزەللىككە ئەھمىيەت بېرىشنى بىلىشى كېرەك» دېگەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·مەركەز مالىيەسى كېلەر يىللىق شەھەر-يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپىغا 69 مىليارد 720 مىليون يۈەن تولۇقلىمىن…
      ·تارىم ۋادىسىدىكى ئىلىم-مەرىپەت بۆشۈكى ئاقسۇ ۋىلايەتلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپ  قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70يىللىقى …
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى «211 قۇرۇلۇشى» ۋە «985 قۇرۇلۇشى»نى  بىكار قىلىش ئەھۋالى مەۋجۇت ئەمەس دېدى
      ·بېيجىڭ شەھىرى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتۇشىنى  ياخشىلاش پىكىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى
      ·ئارىدىن 25 يىل ئۆتكەندە بېيجىڭ پىداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى يېزىقچىلىق ئاسپرانتى قۇبۇل قىلدى
      ·جۇڭگو-تاجىكىستان دۆلەت ھالقىغان زەھەر ئەتكەسچىلىرىگە بىرلىشىپ زەربە بېرىش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇردى…
      ·شىنجاڭدا 45 مىڭ 251 ئوقۇغۇچى مەملىكەتلىك چوڭلار مائارىپى ئىمتىھانىغا قاتنىشىدۇ
      ·جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى: ئومۇميۈزلۈك ئىسلاھ قىلىشتا نېمە ئىسلاھ قىلىنىدۇ؟  
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ يەتتە خىل قىلمىشى چەكلىنىدۇ
      ·مائارىپ مىنستىرلىقى ئوقۇتقۇچىلار ئەخلاقى توغرىسىدا «قىزىل يەتتە بەلگىلىمە»نى چىقاردى