باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بېيجىڭدا يىقىن ئەتراپتا ئوقۇشقا كىرىش ئۆلچىمى ئىنچىكىلەشتۈرۈلىدۇ: ئۆي سېتىۋالغان بىلەنلا ئوقۇشقا كىرگىلى بولمايدۇ

2014.11.19 09:26         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

   تۈنۈگۈن، بېيجىڭ شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى مائارىپ، پەن-تېخنىكا، مەدەنىيەت، سەھيە، تەنتەربىيە ئىشخانىسى شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنى قىسمەن مەكتەپلەرگە بېرىشقا تەشكىللەپ، ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھانى ئىسلاھاتىنى كۆزدىن كەچۈردى. يېقىندا ئاشكارىلانغان «مەكتەپ ئەتراپىدىكى يۇقىرى باھالىق 4.4 كۋادرات مېتىر ئۆي»نىڭ خەۋىرىگە قارىتا شەھەرلىك مائارىپ كومىتېتىنىڭ مۇدىرى شيەن ليەنپىڭ بېيجىڭدا يىقىن ئەتراپتا ئوقۇشقا كىرىش ئۆلچىمىنىڭ ئىنچىكىلەشتۈرۈلىدىغانلىقى، ئۇنۋاننىڭ تەمىنلەش بىلەن ئېھتىياج ئەھۋالىغا ئاساسەن كونكرېت تەلەپ چىقىرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. يېقىن ئەتراپتا ئوقۇشقا كىرىشكە نىسبەتەن، شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، بېيجىڭ چەت ئەل تىللىرى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى جىن لى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ھازىر يېقىن ئەتراپتا ئوقۇشقا كىرىش يولغا قويۇلسا نۇرغۇن ئائىلە باشلىقلىرى ئوقۇش سالاھىيىتى ئۈچۈن مەكتەپ ئەتراپىدىن جان تىكىپ ئالتۇندىنمۇ قىممەت بىرقانچە كۋادرات مېتىرلىق كىچىك ئۆيلەرنى سېتىۋالىدۇ، ھەتتا ئۆز ئۆيىنى سېتىۋېتىدۇ». يىقىندا غۇلغۇلا قوزغىغان «مەكتەپ ئەتراپىدىكى 4.4 كۋادرات مېتىر ئۆينى 1 مىليون 350 مىڭ يۈەنگە سېتىۋېلىش» خەۋىرىگە قارىتا ليەن پىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بېيجىڭ مەكتەپلەرنى تېخىمۇ ئىلگىرىلەپ قوشۇۋېتىش ئارقىلىق ئەلا سۈپەتلىك مائارىپ مەنبەلىرىنى كىڭەيتىپ، ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنى بەھىرلەندۈرىدۇ. ئستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، تەخمىنەن 200 مەكتەپ ئەلا سۈپەتلىك مەنبەلەر ھەمبەھىرلىنىش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلگەن، بىراق، مەكتەپ ئەتراپىدىكى ئۆي زىددىيىتى يەنىلا كۆرۈنەرلىك بولۇۋاتىدۇ. كېيىنكى قەدەمدە يىقىن ئەتراپتا ئوقۇشقا كىرىش ئۆلچىمى ئىنچىكىلەشتۈرۈلۈپ، ئۇنۋاننىڭ تەمىنلەش بىلەن ئېھتىياج ئەھۋالىغا ئاساسەن كونكرېت تەلەپ چىقىرىلىدۇ، شۇ جايدىن ئۆي سېتىۋالغان بىلەنلا ئوقۇشقا كىرگىلى بولمايدۇ. (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر