خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:17-نويابىر،يېڭى زېلاندىيەنىڭ پايتەختى ۋېللىنگتوندىكى ۋىكتورىيە ئۇنىۋېرسىتېتدا، «رەڭلىك جۇڭخۇا» جۇڭگو مىللىي كىيىم-كېچەك كۆرگەزمىسىگە قاتناشقان ئارتىسلار ئۇيغۇر مىللىي كىيىملىرىنى كىيىپ ئۇسسۇل ئوينىدى. جۇڭگو مىللەت ئىشلىرى كومىتېتى ئۇيۇشتۇرغان ، جۇڭگو مىللەتلەر مۇزېي بىلەن شىمالىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى ئۆتكۈزگەن «رەڭلىك جۇڭخۇا» جۇڭگو مىللىي كىيىم-كېچەك كۆرگەزمىسى 17-نويابىر يېڭى زېلاندىيەنىڭ پايتەخت ۋېللىنگتوندىكى ۋىكتورىيە ئۇنىۋېرسىتېتدا ئۆتكۈزۈلدى. تاماشىبىنلارغا ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىككە ئىگە جۇڭگودىكى مىللەتلەرنىڭ كىيىم-كېچىكى نامايان قىلىندى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى سۇ لياڭ فوتوسى
تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى