باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەركەز مالىيەسىنىڭ «چەت ياقا چېگرا رايونلار، چېگرا ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرى، كونا ئىنقىلابىي رايونلار»دىكى ئوقۇتقۇچىلارغا قىلىنغان مەخسۇس ياردەم سوممىسى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن بىر ھەسسە ئاشتى

2014.11.18 17:11         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى، مۇخبىرنىڭ بۈگۈن مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ تور بېكىتىدىن ئىگىلىشىچە، مەركەز مالىيەسىنىڭ «چەت ياقا چېگرا رايونلار، چېگرا ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرى، كونا ئىنقىلابىي رايونلار» (قىسقارتىلىپ ئۈچ رايون دەپ ئاتىلىدۇ) دىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ سەۋىيەسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن، 2014-يىلى مەركەز مالىيەسى «ئۈچ رايون» دىكى تاللاپ ئەۋەتىلگەن ئوقۇتقۇچىلارغا 296 مىليون يۈەن مەركەز ياردەم پۇل مەبلىغى چۈشۈرۈپ، بۇ 2013-يىلدىكىگە قارىغاندا 158 مىليون يۈەن ئاشقان، ياردەم پۇل سوممىسى مەخسۇس «چەت ياقا چېگرا رايونلار، چېگرا ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرى، كونا ئىنقىلابىي رايونلار»دىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ خىزمەت، قاتناش، كاماندىروپكا خىراجىتى شۇنىڭدەك تاساددىپىي ھادىسە سۇغۇرتىسى سېتىۋېلىش قاتارلىق چىقىملىرىغا مەخسۇس ئىشلىتىلىدىكەن. ئىستاستىكىغا ئاساسلانغاندا، 2014-يىلى جايلارغا ئەۋەتىلگەن ئوقۇتقۇچى سانى 46 مىڭ 24 ئادەم قېتىم بولغان، بۇنىڭ ئىچىدە مەجبۇرىي مائارىپ باسقۇچىدا ئەۋەتىلگەن ئوقۇتقۇچى 42 مىڭ 679 ئادەم قېتىم بولۇپ، ئومۇمىي ساننىڭ 92.7 پىرسەنتىنى ئىگىلىگەن. (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر