باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئامېرىكا زور چىقىم قىلىپ يادرو ئەسلىھەلىرىنى رېمونت قىلىدۇ

2014.11.18 22:32         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئامېرىكىنىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ھاگېل يېقىندا بەش بۇرجەكلىك بىنادا مۇنۇلارنى جاكارلىدى: ئامېرىكا بۇندىن كېيىنكى بەش يىلدا نەچچە مىليارد ئامېرىكا دوللىرى چىقىم قىلىپ، يادرو قورالى ئۇل ئەسلىھەلىرىنى جىددىي رېمونت قىلىدۇ. ئامېرىكا ئارمىيەسى يادرو قىسمىدا ئەسكەرلەرنىڭ روھى تۆۋەن بولۇش، خادىملار كەمچىل بولۇش، باشقۇرۇش يېتەرلىك بولماسلىق قاتارلىق مەسىلىلەرنى كۆزدە تۇتۇپ، مەن بۇ يادرو قىسمىنىڭ باشقۇرۇلۇشىنى كەڭ كۆلەمدە ئىسلاھ قىلىش، باشقۇرۇشتىكى خاتالىقلارنى تۈزىتىش، بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋىپىنى تۈگىتىش ھەمدە ئەسكەرلەرنىڭ روھىنى ئۇرغۇتۇش ھەققىدە بۇيرۇق چۈشۈردۈم.

  ھاگېلنىڭ بۇ قارارى ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ يادرو قورالى قىسمىغا قارىتا ئېلىپ بېرىلغان ئىككى تۈرلۈك تەكشۈرۈش دوكلاتىنىڭ نەتىجىسىگە ئاساسەن چىقىرىلغان. ئۆتكەن يىلىدىن بۇيان، ئامېرىكا تاراتقۇلىرى ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ يادرو قىسمىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىدىن تارتىپ ئادەتتىكى خادىملىرىغىچە بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشىدىن ئۆتەلمەسلىك، روھى چۈشكۈنلىشىش، زەھەر چېكىش، ئىمتىھاندا كۆز بويامچىلىق قىلىش قاتارلىق بىر قاتار مەسىلىلەر ۋە سەتچىلىكلەرنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى. ھاگېل بۇ يىل يانۋاردا ئىچكى قىسىمدا بىر تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى ۋە مۇستەقىل تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، ئامېرىكا ئارمىيەسى يادرو قورالى قىسمىدا ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش ھەققىدە يوليورۇق بەردى.

  بۇ ئىككى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى يېرىم يىلدىن ئارتۇق تەكشۈرۈش ۋە تەخمىنەن 1500 ئالاقىدار خادىم بىلەن سۆزلىشىپ، ئاخىردا بىردەك ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ يادرو قىسمىدا مەۋجۇت بولىۋاتقان مەسىلە ئويلىغىنىمىزدىن ئېغىر ئىكەن دەپ قارىدى ھەمدە بۇ بىر خىل «سىستېمىلىق ئېغىر مەسىلە» دېدى. روھى چۈشكۈنلىشىش، ئىنتىزام مەسىلىسىدىن باشقا ئامېرىكا ئارمىيەسى يادرو قوراللىرى ئەسلىھەلىرىنىڭ كونىراپ كېتىش مەسىلىسىمۇ ئېغىر ئىكەن.يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ چىقىمنى ئازايتىش تەدبىرى بەش بۇرجەكلىك بىنانىڭ خامچوتىنى مەلۇم دەرىجىدە چەكلەپ قويدى. ھاگېل تەكشۈرۈشتە تىلغا ئېلىنغان يادرو قورالى ئەسلىھەلىرىنىڭ كونىراپ كېتىش مەسىلىسىنى باھانە قىلىپ پۇل تەلەپ قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئۇزۇندىن بۇيان، ئامېرىكىنىڭ يادرو قورالى قىسمىغا مەبلەغ سېلىشى ۋە قوللىشى كەمچىل بولۇپ كەلدى. بەش بۇرجەكلىك بىنانىڭ مەبلىغى يېتەرسىز بولۇش ھەمدە ئىراق ۋە ئافغانىستان ئۇرۇشىغا بەك كۆڭۈل بۆلۈش ئامېرىكىنىڭ يادرو قورالىنى ئاجىزلىتىۋەتتى، بۇ ئامېرىكىنىڭ يادرو قوراللار ئامبىرىنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە ئۈنۈمىگە زىيان يەتكۈزدى. شۇڭا، ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسى يادرو قورالىغا بولغان مەمۇرىي توسالغۇنى تۈگىتىدۇ ھەمدە 2500دىن ئارتۇق خادىمنى ياللاپ ئاممىۋى پاراخوت ياساش زاۋۇتى، ئىستراتېگىيەلىك قورال ئەسلىھەلىرى ۋە يادرو رېئاكتورى مەشىق سىستېمىسىنىڭ كونىراپ كەتكەن ئۇل ئەسلىھەلەرنى رېمونت قىلىشنى پىلانلىدى. ھاگېل: ئامېرىكا ئارمىيەسى يادرو قىسمىنى ئومۇميۈزلۈك ئىسلاھ قىلىدىغان تەدبىر پات ئارىدا ئوتتۇرغا چىقىدۇ دېدى.

  ھازىر، پۈتكۈل خەلقئارا جەمئىيەت يادرو قورالىنى ئازايتىش ۋە يادرو قوراللىرىنىڭ كېڭىيىپ كېتىشىنىڭ تىرىشىپ ئالدىنى ئېلىشقا كۈچ چىقارماقتا. بۇنداق ئەھۋالدا، بەش بۇرجەكلىك بىنانىڭ غايەت زور چىقىم قىلىپ يادرو ئەسلىھەلىرىنى يېڭىلىشى كىشىلەرنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى قوزغىدى. ئەمەلىيەتتە ئوباما ھۆكۈمىتى غايەت زور مەبلەغ ئاجرىتىپ يادرو قوراللىرى تەجرىبىخانىسىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ۋە يادرو ئوق بېشىنى يېڭىلاشنى پىلانلىدى. تەھلىلدە مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: ئوباما ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەندىن كېيىن يادروسىز دۇنيا قۇرۇش ھەققىدە گەپ قىلغان بولسىمۇ، ھازىر يەنە ئامېرىكىنىڭ يادرو قورالىغا مۇشۇنداق كۆپ مەبلەغ سالماقچى بولىۋاتىدۇ، بۇ كىشىنى ئويلاندۇرىدۇ. ئۇندىن باشقا، بەش بۇرجەكلىك بىنانىڭ بۇ تەدبىرى بۇ يىلقى ئىراننىڭ يادرو سۆھبىتى ئاياغلىشىش مۆھلىتى بولغان 24-نويابىرغا بىر قانچە كۈن قالغاندا چىقىرىلدى. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بىر تەرەپتىن ئىراننىڭ يادرو قورالىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىن مۇداپىئەلەنسە، يەنە بىر تەرەپتىن ئۆزىنىڭ يادرو قورالىنى يېڭىدىن تەرتىپكە سالماقچى بولىۋاتىدۇ. بۇ كۈلكىلىك ئىش.

  ھازىر دۇنيادا ئامېرىكا ئۆزىنىڭ يادرو قورالى جەھەتتىكى مۇتلەق ئۈستۈنلىكىنى كۈچەپ ساقلىماقتا، بۇ ئۇنىڭ ئىقتىسادى ئەمەلىي كۈچى، كىشىلەر كۆڭلىنىڭ مايىللىقى ھەمدە خەلقئارا ۋەزىيەت بىلەن بارغانسېرى زىت. ئامېرىكا ئارمىيەسى يادرو قىسمى خادىملىرىنىڭ روھى چۈشكۈنلىشىشمۇ كىشىلەر كۆڭلىنىڭ مايىللىقىغا زىت ئىشلارنىڭ بىرى، كۆپ پۇل خەجلەش ئارقىلىق خادىملارنىڭ روھى چۈشكۈنلىشىش مەسىلىنى ھەل قىلىش قىيىن، بۇ ھەم ئامېرىكىنىڭ يادرو قورالى جەھەتتە مۇتلەق ئۈستۈنلىكىنى ساقلاش تىرىشچانلىقىنى تېخىمۇ قىيىنلاشتۇرۇۋېتىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر