باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ توكنى سىرتقا يەتكۈزۈش تايانچ تورىدا قۇرۇلۇش باشلاندى

2014.11.18 22:21         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇخبىرنىڭ دۆلەتلىك ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئېلېكتىر شىركىتىدىن ئۇقۇشىچە، جەمئىي 14 مىليارد 400 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنغان شىنجاڭ 750 كىلوۋولتلۇق غول تور قۇرۇلۇشىدا يېقىندا ئىش باشلاندى، قۇرۇلۇش 2015-يىلىنىڭ ئاخىرىدا پۈتكەندىن كېيىن، شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش ئىقتىدارى يەنىمۇ ئۆسىدۇ ھەم شىنجاڭدا توك يېتىشمەيدىغان جايلاردىكى ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشى زور دەرىجىدە ياخشىلىنىدۇ.

  ئېلىمىزدىكى مۇھىم ئېنېرگىيە بازىسى بولغان شىنجاڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئەۋزەل بايلىقلارنى ئىستراتېگىيەگە ئايلاندۇرۇشنى پائال يولغا قويۇپ، چوڭ ئوت ئېلېكتىر، سۇ ئېلېكتىر، شامال ئېلېكتىر، نۇر ئېلېكتىر قاتارلىق تۈرلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ سۈرئىتىنى تېزلەتتى. 2010-يىلى 11-ئايدا، 750 كىلوۋولت كېلىدىغان شىنجاڭ بىلەن غەربىي شىمال ئاساسىي بىرلەشمە تورىنىڭ 2-يول قۇرۇلۇشى ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلۈپ، شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش ئىقتىدارى يەنىمۇ ئۆستۈرۈلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر