باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

سەئۇدى ئەرەبىستانى قاتارلىق ئۈچ دۆلەت ئەلچىلىرىنىڭ قاتارغا قايتىشىغا قوشۇلدى

2014.11.18 15:33         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  سەئۇدى ئەرەبىستانى، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ۋە بەھرەيندىن ئىبارەت ئۈچ دۆلەت 16-نويابىر سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ پايتەختى رىيادتا قاتار بىلەن يارىشىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئۆزلىرىنىڭ باش ئەلچىلىرىنىڭ دوھاغا قايتىشىغا قوشۇلدى، بۇنىڭ بىلەن پارس قولتۇقىدىكى ئەرەب ئەللىرى ھەمكارلىق كومىتېتىنىڭ سەككىز ئايغا سوزۇلغان ئىچكى ماجىراسىغا خاتىمە بېرىلدى.

  يۇقىرىقى دۆلەت دۆلەتنىڭ رەھبىرى بىلەن ياراشتۇرۇش خىزمىتىنى ئۈستىگە ئالغان كۇۋەيت ئەمىرى ساباھ شۇ كۈنى رىيادتا ئالاھىدە يىغىن ئۆتكۈزدى. يىغىن ئاياغلاشقاندىن كېيىن ئېلان قىلىنغان بىر باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: يىغىن قاتناشچىلىرى ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى، بۇ پارس قولتۇقى ھەمكارلىق كومىتېتىغا ئەزا دۆلەتلەر ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنى يەنىمۇ مۇستەھكەملەشنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئېچىپ بېرىدۇ.

  بۇ يىل مارتتا، سەئۇدى ئەرەبىستانى، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ۋە بەھرەين قاتار مۇسۇلمان قېرىنداشلار ئۇيۇشمىسىنى قوللىدى ۋە ئىچكى ئىشلىرىمىزغا ئارىلاشتى دېگەننى باھانە قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ قاتاردىكى باش ئەلچىلىرىنى قايتۇرۇپ كەتكەن ئىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر