- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
«تۈلكە ئوۋلاش ھەرىكىتى» تۆت ئايدا 288 نەپەر چەتكە قاچقان جىنايەت گۇماندارىنى تۇتۇپ كەلدى
2014.11.18 17:09 مەنبە: خەلق تورى
1-دېكابىر ئۆزىنى مەلۇم قىلشىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى مۆھىلىتىخەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى 16-چېسىلا «2014-يىللىق تۈلكە ئوۋلاش ھەرىكىتى، چەتكە قاچقان ئىقتىسادىي جىنايەت گۇماندارلىرىنى تۇتۇش مەخسۇس ھەرىكىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپا يىغىنى ئاچتى، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇئاۋىن مىنىستىرى، «2014-يىللىق تۈلكە ئوۋلاش» ھەرىكىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى ليۇ جىنگو ھەرقايسى ساقچى تارماقلار ھەقىقىي تۈردە خىزمەتنى تېخىمۇ چۇڭقۇر، تېخىمۇ ئىنچىكە، تېخىمۇ پۇختا ئىشلەپ «2014-يىللىق تۈلكە ئوۋلاش» مەخسۇس ھەرىكىتىنى تېخىمۇ چوڭ ئۈنۈم ھاسىل قىلدۇرۇش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى. ئىگىلىنىشىچە، «تۈلكە ئوۋلاش مەخسۇس ھەرىكىتى باشلانغان تۆت ئايدىن بۇيان، ئالدى-كەينى بولۇپ ئامېرىكا، تايلاند، جۇڭگو شياڭگاڭ قاتارلىق 56 دۆلەت ۋە رايونلاردا قېچىپ يۈرۈۋاتقان 288 ئىقتىسادىي جىنايەت گۇماندارى قولغا ئېلىنغان. بۇنىڭ ئىچىدە، يوشۇرۇنۇپ يۈرۈۋاتقىلى 10 يىلدىن ئاشقان چېگرا سىرتىدىكى ئىقتىسادىي جىنايەت گۇماندارىدىن 21 كىشى، ئامېرىكا، كانادا قاتارلىق تەرەققىي قىلغان دۆلەتتىن 84 كىشى قولغا ئېلىنغان، 126 نەپەر چېگرا سىرتىدا قېچىپ يۈرگەن ئىقتىسادىي جىنايەت گۇماندارى ئۆزىنى مەلۇم قىلغان. (جاڭ شياڭ خەۋىرى؛ جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر