باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ش ئۇ ئا ر 12–نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 28–قېتىملىق مۇدىرلار يىغىنىدا دائىمىي كومىتېتنىڭ 11–يىغىنىنى ئېچىلىدۇ

2014.11.18 13:22         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايونلۇق 12 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 14 – نويابىر چۈشتىن بۇرۇن 28 – قېتىملىق مۇدىرلار يىغىنى ئاچتى، يىغىندا دائىمىي كومىتېتنىڭ 11 – يىغىنىنى 25 – نويابىردىن 27 – نويابىرغىچە ئۈرۈمچىدە ئېچىش قارار قىلىندى.

  يىغىنغا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى شۆھرەت زاكىر رىياسەتچىلىك قىلدى.

  يىغىندا يەنە دائىمىي كومىتېتنىڭ 11 – يىغىنىنىڭ قارالما لايىھەسى قاتارلىق ئالاقىدار ئىشلار مۇزاكىرە قىلىپ بېكىتىلدى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ دىن خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدىكى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش دوكلاتى، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ئەدلىيە ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش ئەھۋالى توغرىسىدىكى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش دوكلاتى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئەدلىيە ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش ئەھۋالى توغرىسىدىكى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى ۋە ئۇنىڭغا قاراپ چىقىلدى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى تەركىبىدىكى خادىملارنىڭ ‹‹ئاپتونوم رايوننىڭ <ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلار قانۇنىنى يولغا قويۇش چارىسى>نى يولغا قويۇش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى››غا قاراپ چىقىش پىكرىنى مۇزاكىرە قىلىپ بىرتەرەپ قىلىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئاپتونوم رايوننىڭ 2013 – يىللىق شۇ دەرىجىلىك خامچوتىنىڭ ئىجراسى ۋە باشقا مالىيە كىرىم – چىقىمىنى ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىپ، بايقالغان مەسىلىلەرنى تۈزىتىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى ۋە ئۇنىڭغا قاراپ چىقىلدى. يۇقىرىقى دوكلاتلار يازما شەكىلدە دائىمىي كومىتېتنىڭ 11 – يىغىنىدا بېسىپ تارقىتىلىدۇ.

  يىغىنغا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ۋاڭ يۇڭمىڭ، جاپپار ھەبىبۇللا، ما مىڭچېڭ، تېلىۋالدى ئابدۇرېشىت، ھۆرىگۈل جاپپار، باش كاتىپ ئەسقەر تۇرسۇن قاتناشتى.

  يىغىنغا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇللىرى سىرتتىن قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر