رۇسىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، شۇ يەر ۋاقتى 16-نويابىر دونېتسىك شەھىرىگە يېقىن گلابوۋدىكى ئاھالىلەر رايونىدا گوللاندىيە مۇتەخەسسىسلىرى بىلەن دونېتسىك يەرلىك دائىرىلىرى ۋەكىللىرى مالايشىيا ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭMH17 بەلگىلىك ئايروپىلانىنىڭ قالدۇقلىرىنى تازىلاش ۋە يۆتكەش خىزمىتىنى باشلىغان.
ئىگىلىنىشىچە، ۋەقە يۈز بەرگەن نەق مەيداندىن ئۇچۇش -قونۇش جازىسىنىڭ قىسمەن قالدۇقلىرى، ئايروپىلان گەۋدىسىنىڭ چوڭ بىر پارچە قالدۇقى ۋە يولۇچىلارنىڭ جەسەتلىرى تېپىلغان. مۇتەخەسسىسلەر بۇ قالدۇقلارنى گوللاندىيەگە ئېلىپ بارغاندىن كېيىن، تېخنىكىلىق ۋاستىلەردىن پايدىلىنىپ ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، ۋەقە يۈز بېرىشنىڭ كونكرېت سەۋەبىنى بېكىتىپ چىقىدىكەن.