باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى 2014 – يىللىق خەلقئارا ساياھەت سودا يەرمەنكىسىگە قاتناشتى

2014.11.18 13:26         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  2014 – يىللىق جۇڭگو خەلقئارا ساياھەت سودا يەرمەنكىسى (تۆۋەندە قىسقارتىپ ساياھەت سودا يەرمەنكىسى دېيىلىدۇ) 14 – نويابىر چۈشتىن بۇرۇن شاڭخەيدە باشلاندى. 300دىن ئارتۇق كىشىدىن تەشكىللەنگەن شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى بۇ نۆۋەتلىك ساياھەت سودا يەرمەنكىسىدە كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى.

  بۇ نۆۋەتلىك خەلقئارا ساياھەت سودا يەرمەنكىسىدە شىنجاڭ كۆرگەزمە ئۆمىكى جەمئىي 24 ئورۇن ئالدى. بۇ، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى، ئۈرۈمچى شەھىرى، ئاقسۇ ۋىلايىتى، تۇرپان ۋىلايىتى قاتارلىق ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلىك ساياھەت ئىدارىلىرى؛ قاناس كۆلى، بوغدا كۆلى، باغراش كۆلى ۋە ئاققۇ كۆلى قاتارلىق تۆت مەشھۇر مەنزىرە رايونى؛ خەلقئارالىق يەتتە ساياھەت كوپىراتىپى ۋە بىڭتۈەن ساياھەت ئىدارىسىگە بىۋاسىتە قاراشلىق تۆت ساياھەت كوپىراتىپىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، شىنجاڭ سوۋغات سودىگىرى دۆڭكۆۋرۈك ساياھەت مەدەنىيەت گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىمۇ يەرمەنكىگە قاتناشتى. 

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر