باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

شېنجېن تامۇژنىسىدىكى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان چىرىكلىك ئۇۋىسى دېلوسى يۈز بەردى: ھەربىر كىشى ھەر ئايدا ئاز دېگەندە نەچچە ئون مىڭ يۈەن پار ئالغان

2014.11.19 09:24         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: بىر قېتىملىق تۇيۇقسىز زەربە بېرىش ھەركىتىدە شېنجىننىڭ شاتوۋجياۋ تامۇژنىسى ساياھەت تەكشۈرۈش تۆتىنچى تارماق ئىشخانىسىدا خىزمەتچى خادىملار نەق مەيداندا 1 مىليون 800مىڭ يۈەننى قولغا چۈشۈردى، نۇرغۇن كونۋېرتلاردا ھېسابات ئايرىش «تىزىملىك» لىرى ئىزاھلانغانىدى. ئەتكەس ماشىنىلاردىن كىرىش قېتىم سانىغا قاراپ ھەق ئېلىنغان، كىچىك ماشىنىلاردىن ھەر قېتىمغا 1200 يۈەن، تىجارەت ماشىنىلىرىدىن 1500 يۈەندىن ھەق ئېلىنغان، تاموژنىدىكى تاموژنىچىلار ھەر ئايدا ئاز دېگەندە ئون نەچچە مىڭ يۈەن پارا ئالغان.

  قېشىدا ئادەم يوقتەك كوچىدىلا ماشىنا بېسىش، مەھەللە ئاھالىسى ئالدىدا ئەتكەسچىلىك قىلىش «ئاشكارلانغان مەخپىيەتلىك»كە ئايلانغان تۇرۇقلۇق نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش تارماقلىرى « ئەھۋالدىن قەتئىي خەۋەرسىز» ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

  تامۇژنىنى ياخشى باشقۇرۇپ، دۆلەت دەرۋازىسىنى مۇھاپىزەت قىلىش تامۇژنا خادىملىرىنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مۇقەددەس بۇرچى، لېكىن شېنجېن شاتوۋجياۋ تامۇژنىسىدىكى قىسمەن تامۇژنا خادىملىرى دۆلەت ۋە خەلق بەرگەن مۇھىم ۋەزىپىدىن پايدىلىنىپ، باھانى ئېنىق يېزىپ، ئەتكەسچىلىككە يول قويۇپ، «ئىشىك باقار»دىن «توغاننى قويۇپ بەرگۈچى»گە ئايلانغان، شاتوۋجياۋدىكى جۇڭگو-ئەنگىلىيە كوچىسى ئەكسىچە ئەتكەسچىلەر تۇنېلى بولۇپ قالغان. (مۇخبىر جاۋ رۈيشى خەۋىرىجۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر