دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 16-نويابىر بىرىسباندا فرانسىيە زوڭتۇڭى ھوللاندى بىلەن كۆرۈشتى. شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئۆتكەن يىرىم يىلدىن بۇيان، بىز ھاسىل قىلغان بىر يۈرۈش ئورتاق تونۇش ئۈنۈملۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى ئومۇميۈزلۈك تىز سۈرەتتە ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە. ئىككى تەرەپ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ ئىجابىي يۆنىلىشكە قاراپ تەرەققىي قىلىشىنى داۋاملىق ساقلاپ، ئىستراتېگىيە، مالىيە، ئادىمىيەت قاتارلىق سۆزلىشىش ھەمكارلىق مېخانىزمىنىڭ رولىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، ئەمەلىي ھەمكارلىق ۋە ئادىمىيەت ئالماشتۇرۇشىدا تېخىمۇ مول مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈشى لازىم.
ھوللاندى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: فرانسىيە جۇڭگو بىلەن يۇقىرى قاتلام ئالاقىسىنى داۋاملىق ساقلاپ، زور ھەمكارلىق تۈرلىرىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ. جۇڭگو بىلەن ئىبولا ۋېروسىغا تاقابىل تۇرۇش، ئافرىقا تەرەققىياتى، ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قاتارلىق مەسىلىلەردە ئالاقە ۋە ماسلىشىشنى كۈچەيتىشنى خالايدۇ.
مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى