باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ش ئۇ ئا ر سىياسىي كېڭەش ئايلىق كېڭىشىش يىغىنى ئاچتى

2014.11.18 13:19         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 14 – نويابىر چۈشتىن بۇرۇن ئۈرۈمچىدە ئايلىق كېڭىشىش يىغىنى ئېچىپ، يېزا ئاھالىلىرىنىڭ تۇرالغۇ مۇھىتىنى ياخشىلاش مەسىلىسىنى مۇھاكىمە قىلدى. يىغىنغا ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئابىلمەجىن رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.

  يىغىندا ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ نوپۇس – بايلىق – مۇھىت كومىتېتى يېزا ئاھالىلىرىنىڭ تۇرالغۇ مۇھىتىنى ياخشىلاش بويىچە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئەھۋالىدىن دوكلات بەردى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم يېزا ئىگىلىكى ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەن تەربىيە – ئەمەلىيەت پائالىيىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق تۇرالغۇ ۋە شەھەر، يېزا قۇرۇلۇشى نازارىتى، مۇھىت ئاسراش نازارىتىدىكى مەسئۇل يولداشلار سۆز قىلدى. ئارقىدىن دېھقان – ئىشچىلار دېموكراتىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتى، قاتناش، سۇچىلىق، دېھقانچىلىق، سەھىيە – پىلانلىق تۇغۇت قاتارلىق ئالاقىدار نازارەت، ئىدارە ۋە ئالاقىدار كارخانىلاردىكى مەسئۇل يولداشلار ئايرىم – ئايرىم سۆز قىلدى. كۆپچىلىك ‹‹يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق رايونلىرىدىكى ئاھالىلەرنىڭ تۇرالغۇ مۇھىتى زور دەرىجىدە ياخشىلانغان بولسىمۇ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇشنىڭ نىشان، تەلەپلىرى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، پەرق يەنىلا زور، دەپ قارىدى ھەم يېزا ئاھالىلىرىنىڭ تۇرالغۇ مۇھىتىنى ياخشىلاشتا ئالدىن پىلانلاش، ئىلمىي پىلانلاشتىن تەۋرەنمەسلىك؛ ئۆز يېرىنىڭ شارائىتىغا قاراپ ئىش كۆرۈپ، مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، باسقۇچقا بۆلۈپ تەرتىپلىك ئىلگىرىلىتىشتىن تەۋرەنمەسلىك؛ دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق رايونلىرىدىكى ئاھالىلەرنىڭ تۇرالغۇ مۇھىتىدا رايون خاسلىقىنى گەۋدىلەندۈرۈشتىن تەۋرەنمەسلىك؛ شۇ يەردىكى دېھقان – چارۋىچىلارنىڭ يېڭى يېزا قۇرۇلۇشىدىكى ئاساسىي گەۋدىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش كېرەك، دېگەن تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  نۇرلان ئابىلمەجىن مۇنداق دېدى: دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق رايونلىرىدىكى ئاھالىلەرنىڭ تۇرالغۇ مۇھىتىنى ياخشىلاپ، يۇرت – ماكانىمىزنى گۈزەللەشتۈرۈش چېگرا رايوندىكى دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق رايونلىرىنى تۇتاشتۇرىدىغان ‹‹قىلدام قان تومۇرى››، ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىشى، تۇرمۇشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتىكى مۇھىم تۇتقا، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق رايونلىرىنىڭ خىزمەتلىرىنى ياخشى ئىشلەپ، ئەلنى مايىل قىلىپ، قەلبلەرنى مۇجەسسەملەشتىكى مۇھىم تەدبىر.

  نۇرلان ئابىلمەجىن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق رايونلىرىدىكى ئاھالىلەرنىڭ تۇرالغۇ مۇھىتىنى ياخشىلاشنى سىجىل ئىلگىرىلىتىدىغان ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزم ئورنىتىش؛ ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ كۈچىنى سەپەرۋەر قىلىپ، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق رايونلىرىدىكى ئاھالىلەرنىڭ تۇرالغۇ مۇھىتىنى ياخشىلاشقا قاتناشتۇرۇش، بولۇپمۇ ھۆكۈمەت باشلامچى بولغان، دېھقان – چارۋىچىلار ئاساس قىلىنغان ۋە جەمئىيەتنىڭ قاتنىشىشى بىرلەشتۈرۈلگەن خىزمەت مېخانىزمىنى ئورنىتىش ئۈستىدە ئىزدىنىش؛ جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق رايونلىرىدىكى ئاھالىلەرنىڭ تۇرالغۇ مۇھىتىنى تۈزەشنى جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى مۇھىم باشلىنىش نۇقتىسى قىلىپ، تەشەببۇسكار بولۇپ، مەركەزنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭغا قاراتقان ئالاھىدە سىياسىتى بىلەن ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل جىپسىلاشتۇرۇپ ۋە ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جەنۇبىي شىنجاڭ يېزىلىرىنىڭ سۇ، توك، يول، گاز، تۇرالغۇ قاتارلىق بەش چوڭ مەسىلىسىنى ھەقىقىي ياخشى ھەل قىلىپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق رايونلىرىنىڭ مۇھىتىنى ئۇنىۋېرسال تۈزەشنى تولۇق ئىشقا ئاشۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  يىغىنغا ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ليۇ يەنلياڭ، گۈلشات ئابدۇقادىر، باش كاتىپ ليۇ جېنچياڭ قاتناشتى. 

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر