مۇخبىرنىڭ شەنشى ئۆلكىلىك ئارخېئولوگىيەلىك تەتقىقات ئورنىدىن ئىگىلىشىچە ، ئارخېئولوگلار كېپەن ئوغرىلىرى تەمىنلىگەن يىپ ئۇچىغا ئاساسەن ، بۇ يىل 3-ئايدىن باشلاپ شىئەن جەنۇبىي شەھەر ئەتراپىدا تاڭ سۇلالىسى دەۋرىگە تەۋە قەبرىلەرنى تېپىپ ، تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىۋېتىپ تاساددىپىي تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى ئاتاقلىق رەسسام خەن خۇاڭنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ قەبرىسى بايقاپ قالغان . تەتقىقاتچىلارنىڭ قارىشىچە ، قەبرە تاملىرىدىكى ئەر-ئاياللارنىڭ ئۇسسۇل ئويناۋاتقان رەسىملىرى جۇڭگو قەدىمىي سەنئەت مەدەنىيىتى ، گۈزەللىك قارىشى تەرەققىياتى ۋە يىپەك يولى مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشىدا مۇھىم رول ئوينايدىكەن .