باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مائارىپ مىنستىرلىقى ئوقۇتقۇچىلار ئەخلاقى توغرىسىدا «قىزىل يەتتە بەلگىلىمە»نى چىقاردى

2014.10.10 23:16         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مائارىپ مىنستىرلىقى 9-ئۆكتەبىر ئېلان قىلغان «ئالى مەكتەپلەرنىڭ ئەخلاق قۇرۇلۇشىنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك مېخانىزمىنى ئورنۇتۇش مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى پىكىر»دە ئېنىق ھالدا مۇنداق دەپ كۆرستىلدى: ئالى مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئوقۇتقۇچىلار ئەخلاقىغا خىلاپلىق قىلىش ھەرىكىتىنى جازالاش مېخانىزمى ئورنۇتۇپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئالى مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىغا ئاگاھلاندۇرۇش ئەھمىيىتى بار ئوقۇتقۇچىلار ئەخلاقىدا قىلىش چەكلەنگەن «قىزىل يەتتە بەلگىلىمە»نى چىقىرىش كېرەك، «قىزىل يەتتە بەلگىلىمە»-دۆلەتنىڭ مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزۈش، ئوقۇغۇچى ۋە مەكتەپنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزۈش قىلمىشى؛ ئوقۇ-ئوقۇتۇش ئىشلىرىدا پارتىيەنىڭ لۇشيەن فاڭجىن سىياسەتلىرىگە خىلاپ سۆز-ھەرىكەتلەر؛ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش، ئىمتىھان ئېلىش، مۇنەۋەر ئوقۇغۇچىلارنى تۇنۇشتۇرۇش، ئاسپرانتىلىققا سۇنۇش قاتارلىق خىزمەتلەردىكى شەخسى غەرەز بىلەن كۆز بۇيامچىلىق قىلىش؛ ئوقۇغۇچىلار ۋە ئاتا-ئانىلارنىڭ سوۋغا بۇيۇمى، پۇلى، قىممىتى بار ئاكسىيە، پۇل تۆلەش ئىسپاتى قاتارلىق مال-مۈلۈكنى قوبۇل قىلىش؛ ئوقۇغۇچىلارغا جىنسىي پاراكەندىچىلىك سېلىش ياكى ئوقۇغۇچىلار بىلەن نامۇۋاپىق مۇناسىۋەتتە بولۇش؛ ئالى مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ كەسپىي ئەخىلاقىغا خىلاپلىق قىلىش قىلمىشلىرى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئالى مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىدا « قىزىل يەتتە ماددا»غا خىلاپلىق قىلىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلسە، قانۇن بەلگىلىمە بويىچە ئايرىم-ئايرىم مۇناسىپ جازالىنىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر