باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

فىرانسىيە، ئەرمىنىيە، ئەزەربەيجان زۇڭتۇڭلىرى ناگىرنو- قاراباغ توقۇنۇشىنى مۇزاكىرە قىلدى

2014.10.29 09:06         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ھوللاندى، ئەرمىنىيە زۇڭتۇڭى ساركىسىيان ۋە ئەزەربەيجان زۇڭتۇڭى ئالىيېف 27-ئۆكتەبىر پارىژدا ئۈچ تەرەپلىك كۆرۈشۈپ، ناگىرنو-قاراباغ رايونى توقۇنۇشى مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى. فىرانسىيە زۇڭتۇڭ مەھكىمىسى شۇ كۈنى كەچتە ئېلان قىلغان ئاخباراتتا مۇنداق دېيىلدى: ساركىسىيان بىلەن ئالىيېف داۋاملىق سۆھبەتلىشىشنى قارار قىلدى، 2015-يىلى سېنتەبىردە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىنى مەزگىلىدە نيۇ يوركتا بىر قېتىم يېڭىدىن سۆھبەتلىشىدىغان بولدى. سوۋېت ئىتتىپاقى مەزگىلىدە ناگىرنو-قاراباغ ئەزەربەيجاننىڭ بىر ئاپتونوم ئوبلاستى بولۇپ، نۇرغۇن ئاھالىلەر ئەرمەنلەر ئىدى. 1988-يىلى ناگىرنو-قاراباغ ئەرمىنىيەگە كىرىشنى تەلەپ قىلغاچقا، بۇ ئوبلاستتىكى ئەزەر، ئەرمىندىن ئىبارەت ئىككى مىللەت ئارىسىدا قوراللىق توقۇنۇش پارتىلىغان ئىدى. سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلانغاندىن كېيىن، ئەزەربەيجان بىلەن ئەرمىنىيە ناگىرنو-قاراباغنى تالىشىپ ئۇرۇش قىلدى، ئەرمىنىيە ناگىرنو-قاراباغ ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى ئەسلىدە ئەزەربەيجانغا تەۋە قىسمەن زېمىننى ئىگىلىۋالدى. 1994-يىلى ئىككى دۆلەت ئومۇميۈزلۈك ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ئىمزالىدى، لېكىن ناگىرنو-قاراباغ مەسىلىسى تۈپەيلىدىن ئىككى دۆلەت ھازىرغىچە دۈشمەنلىشىش ھالىتىدە تۇرماقتا.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر