خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: 28-چېسلا چۈشتىن بۇرۇن، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭدا مەملىكەتلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئورگانلىرى خەلقپەرۋەر نەمۇنىچى كوللېكتىپ ۋەكىللىرى ۋە خەلقپەرۋەر نەمۇنىچىلار بىلەن كۆرۈشتى ھەمدە مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى، نۆۋەتتە، دۆلىتىمىز ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش مۇھىم مەزگىلىدە تۇرۇۋاتىدۇ، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ۋەزىپىسى ناھايىتى مۈشكۈل، جامائەت خەۋپسىزلىك ئورگانلىرى شەرەپلىك بۇرچنى زىممىسىگە ئالماقتا. پۈتۈن مەملىكەتتىكى جامائەت خەۋپسىزلىك ئورگانلىرى ۋە كەڭ جامائەت خەۋپسىزلىك ساقچىلىرىنىڭ خەلقپەرۋەر نەمۇنىچىلارنى ئۈلگە قىلىپ، پارتىيە 18-نۆۋەتلىك 4-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، غايە ۋە ئېتىقادنى چېڭىتىپ، پارتىيە ئىشلىرىغا سادىق بولۇپ، چىن نىيەت بىلەن ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا ئىشلىشىنى، جەمئىيەت ئومۇمىي ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداش، جەمئىيەتنىڭ ئادىل ۋە ھەققانىيلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، خەلقنىڭ خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىشى ئۈچۈن، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش، سوتسىيالىزملىق قانۇن ئىدارە قىلىدىغان دۆلەت قۇرۇش ئۈچۈن توختاۋسىز يېڭى ۋە تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
شۈ جۈن خەۋىرى
جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى
مەنبە : خەلق تورى