باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

شۈ سەيخوۋ پاراخورلۇق جىنايىتىگە چېتىلىپ قالغانلىقتىن تەكشۈرۈپ ئەيىبلەشكە يوللاپ بېرىلدى

2014.10.29 16:34         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

   خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: 27-ئۆكتەبىر، ھەربىي تەپتىش مەھكىمىسى مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن رەئىسى شۈ سەيخوۋنىڭ پارا ئېلىش جىنايەت دېلوسىغا قاراپ چىقىشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، تەكشۈرۈپ ئەيىبلەشكە يوللاپ بەردى.

  ھەربىي تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىچە، شۈ سەيخوۋ ۋەزىپىسىدىكى قولايلىقتىن پايدىلىنىپ، باشقىلارنىڭ ئۆسۈشىگە ياردەم قىلىپ، ئائىلىسىدىكىلەر ئارقىلىق باشقىلاردىن بىۋاسىتە پارا ئالغان، سوممىسى غايەت زور نىسبەتكە يەتكەن؛ ئەمىلىنىڭ تەسىرىدىن پايدىلنىپ، باشقىلارغا پايدا يەتكۈزۈشنى كۆزلەپ، ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىرلىشىپ پارا ئېلىپ، سوممىسى غايەت زور نىسبەتكە يەتكەن. شۈ سەيخوۋ ئۆزىنىڭ پارا ئېلىش جىنايىتىنى ئەينەن ئىقرار قىلغان. نۆۋەتتە، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى شۈ سەيخوۋنى پارتىيەدىن قوغلاپ چىقىرىش، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ ھەربىيلىك سالاھىيىتىنى ئېلىپ تاشلاش، گېنىراللىق ئۇنۋانىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى قارار قىلدى.

  جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى

  مەنبە : خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر