باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

«ئۇيغۇر تىبابىتىدىكى 4-ئەۋلاد تىۋىپ» ئابدۇخالىق دوختۇرنىڭ «ئەسەبىيلىكنى يوقىتىش»تىكى يېڭى رېستىپى

2014.10.30 13:19   مەنبە: خەلق تورى

«ئۇيغۇر تىبابىتىدىكى 4-ئەۋلاد تىۋىپ» ئابدۇخالىق دوختۇرنىڭ «ئەسەبىيلىكنى يوقىتىش»تىكى يېڭى رېستىپى

  دوختۇر سىز ئىشلەتكەن رېتسىپ دورىلار مۇسۇلمانچىمۇ؟

  «دورا ھاياتىڭىزنى ساقلاپ قالىدۇ، بۇ ھالال ھارام دەپ ئايرىيدىغان تاماق ئەمەس، سىلەر ‹قۇرئان كەرىم›نى ياخشى ئۆگەنسەڭلار بولغىدەك، قۇرئاندا ھاياتلىقنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ئالاھىدە ئەھۋالدا مۇسۇلمانچە بولمىغان يىمەكلىكلەرنىمۇ يىسە بولىدۇ دەپ ئېنىق قەيت قىلىنغان».

  ئابدۇخالىق دوختۇرنىڭ ئېيتىشىچە ئۆتكەن يىلى كېسەل كۆرىۋاتقان مەزگىللەردە نۇرغۇنلىغان بىمارلار يۇقىرقىدەك سوئاللارنى سورىغىنىدا ئابدۇخالىق دوختۇر «قۇرئان كەرىم»دىن ئۇلارغا دەرس سۆزلەپ، خۇراپاتلىققا ئىشەنمەسلىككە دەۋەت قىلاتتى.

  بۇ يىل 62 ياشقا كىرگەن ئابدۇخالىق دوختۇر ۋىلايەتلىك ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، توقسۇ ناھىيەلىك ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، توقسۇ-شايار يولى مەسچىتىنىڭ ئىمامى بولۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى بىردىنبىر «4-ئەۋلاد تىۋىپ» ھېسابلىنىدۇ.

  ئابدۇخالىق دوختۇر ئاپتونوم رايونىمىزدا يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان «قان قويۇپ بېرىپ داۋالاش» ئۇسۇلىنى ھازىرغىچە داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان بىردىنبىر تىۋىپ بولغاچقا ۋىلايەتلىك مىللىشىپاخانا ۋە توقسۇ ناھىيەلىك شىپاخانىدا ئۈچ كۈندىن كېسەل كۆرۈپ كۆپلىگەن ئاغرىق ئازابىدا جان تالىشىۋاتقان بىمارلارنى غەمدىن خالاس قىلىپ كەلمەكتە. ئابدۇخالىق دوختۇر بىمارلارنى پەقەت جىسمانىي جەھەتتىن داۋالىماستىن يەنە ئۇلارنىڭ روھىي جەھەتتىكى كېسەللىكىگە «قۇرئان كەرىم» ئارقىلىق دىئاگىنوز قۇيۇپ ئۇلارنى روھىي قاراڭغۇلۇقتىن قۇتۇلدۇرۇپ جەمئىيەتتە كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەن.

  ئۆتكەن يىلى 6-ئاينىڭ 2-كۈنى ئاياللار كېسەلىككىگە گىرىپتار بولغان بىر ئايال ئابدۇخالىق دوختۇرنىڭ قېشىغا كېسەل كۆرسەتكىلى كىرگەن بولسىمۇ ئەمما « كۆينەكنىڭ يېڭىنى قايرىپ ئەر كىشىگە كۆرسەتسە نامەھرەم بولىدۇ» دەپ تۇمۇر تۇتقۇزۇشقا قوشۇلمىغان، ئابدۇخالىق دوختۇر ئۇ ئايالغا «سىڭلىم مەن سىزنىڭ دادىڭىزنىڭ ئورنىدىكى ئادەم بولۇش سۈپىتىم بىلەن بىر نەچچە ئېغىز گەپ قىلاي، تىبابەتتە نامەھرەم بولۇش دەيدىغان ئىش بولمايدۇ، سىزنىڭ ياشاۋاتقىنىڭىز قايسى دەۋىر؟ ھازىرغىچە شۇنداق خۇراپات ئىدىيەلەردە يۈرۈپسىز، يۈز كۆزىڭىزنى بۇنداق قارا لاتىلار بىلەن ئورىۋالغىنىڭىز چەت دۆلەتلەرگە قارغۇلارچە چوقۇنغانلىق، قۇرئان كەرىمدە ئاياللارنى ھايالىق بولۇشقا دەۋەت قىلىپ يات جىنىسلارغا تىكىلىپ قارىماسلىققا ئۈندىگەن، ئەمما بۇ ھەرگىزمۇ سىزنى يۈز كۆزىڭىزنى قارا لاتىلار بىلەن ئورىۋال دېگەنلىك ئەمەس...» دېگەندەك سۆزلەرنى قىلغاندىن كېيىن ئۇ ئايال بىمار داۋالاشنى قۇبۇل قىلغان ۋە بىر نەچچە ھەپتىن كېيىن چىرايلىق رەڭلىك كىيىملەرنى كىيگىنىچە ئابدۇخالىق دوختۇرنى ئىزدەپ كېلىپ جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىكى كېسەللىكىنىڭ ياخشىلىنىشقا يۈزلەنگەنلىكىنى ئېيتىپ رەھمىتىنى بىلدۈرگەن.

  ۋىلايەتلىك مىللىشىپاخانىنىڭ باشلىقى ئامىر ئەلى مۇنداق دېدى:« دوختۇرخانىمىزدا ئابدۇخالىق ھاجىم دېسە تونىمايدىغانلار يوق دېيەرلىك، ئۇ بىر دىنىي زات بولۇش سۈپىتى بىلەن كۆپلىگەن بىمارلارنىڭ روھىي جەھەتتىكى كېسەللىكلىرىنى داۋالىغان بولسا، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ‹قان قويۇپ بېرىپ داۋالاش› رېستىپى ئارقىلىق نۇرغۇنلىغان بىمارلارنى ئاغرىق ئازابىدىن خالاس قىلدى شۇنداقلا بۇ تېخنىكىنى ھازىرىقى ياش دوختۇرلارغا ئۆگىتىپ كېلىنكا ساھەسىگە ۋە ‹ئەسەبىيلىكنى يوقىتىش» سېپىگە يېڭى بۆسۈش ئېلىپ كەلدى».

  گەرچە ئابدۇخالىق دوختۇرنىڭ يېشى چوڭىيىپ قالغان بولسىمۇ بىراق ئۇ يېڭى بىلىملەرنى ئىگەلەشنى توختاتمىغان، زىيارەت داۋامىدا ئابدۇخالىق دوختۇرنىڭ بىر ئېغىز سۆزى بىزنىڭ قائىللىقىمىزنى ئاشۇردى، ئۇ مۇنداق دېدى:« تىۋىپلىقتىن ئىبارەت بۇ ھۈنەر ماڭا ئاتا-بوۋامدىن قالغان ئەڭ قىممەتلىك مىراس، ئەمما مەن بۇ مىراسنى ئوغۇللىرىمغىلا قالدۇرۇپ قويماستىن ھازىرىقى ياش دوختۇرلارغىمۇ ئۆگىتىپ، ئۇيغۇر تىبابىتىنىڭ تەرەققىياتىغا ئۆچمەس ئىزلارنى قالدۇرىمەن».

  مەنبە: ئاقسۇ ئاخبارات تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز