باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

يىڭنە سانجىلغان بوۋاقنىڭ بەدىنىدىكى 12 تال يىڭنىنىڭ ھەممىسى ئېلىۋېتىلدى

2014.10.29 22:03   مەنبە: خەلق تورى

يىڭنە سانجىلغان بوۋاقنىڭ بەدىنىدىكى 12 تال يىڭنىنىڭ ھەممىسى ئېلىۋېتىلدى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: تۈنۈگۈن سائەت 8 دىن 20 مىنۇت ئۆتكەندە، شەندوڭ لياۋچېڭدىكى 12 تال يىڭنە سانجىلغان زىشۈەن بېيجىڭ بالىلار دوختۇرخانىسىدا ئوپېراتسىيە قىلىندى، بەش سائەتتىن كېيىن زىشۈەن ئوپېراتسىيەخانىدىن ئېلىپ چىقىلدى. دوختۇرخانا تەرەپنىڭ ئېيتىشىچە، 12 تال غەيرىي جىسىمنىڭ ھەممىسى ئېلىۋېتىلگەن بولۇپ، زىشۈەن بۇنىڭ بىلەن فىزىئولوگىيەلىك جەھەتتە ھېچقانداق تەسىرگە ئۇچرىمايدىكەن ھەمدە بىر ھەپتىدىن كېيىن دوختۇرخانىدىن چىقسا بولىدىكەن.

  بۇ يىل 7-ئايدا زىشۈەننىڭ ئاتا-ئانىسى بالىسىنىڭ ساغرىسىدا قىزىل نۇقتىلارنىڭ بارلىقىنى بايقىغان ھەمدە بالىمۇ داۋاملىق يىغلاۋەرگەن. ليۇ يۈشياڭ يەنە بالىنىڭ يوتىسى قاتارلىق ئورۇنلاردىن 4 تال يىڭنە سۇغىرىۋالغان. دوختۇرخانىدا تەكشۈرۈلگەندىن كېيىن، زىشۈەننىڭ ساغرىسى، قورسىقى قاتارلىق جايلىرىدا 12 تال يىڭنە بايقالغان. 22-ئۆكتەبىر زىشۈەن بالىلار دوختۇرخانىسىدا داۋالانغان، ئۈچ كۈندىن كېيىن زىشۈەننىڭ ھاممىسى ئۆيىدە زەھەر ئىچىپ ئۆلۈۋالغان، ساقچى تەرەپ ھاممىسنىڭ ئەڭ چوڭ گۇماندار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

  مەنبە: خەلق تورى

【1】 【2】 【3】 【4】 
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز