باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئۇدا زۇڭتۇڭلۇققا سايلانغان روسىف: جۇڭگو بىلەن بولغان دوستانە مۇناسىۋىتىمىز ئۆزگەرمەيدۇ دېدى.

2014.10.29 09:12         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شۇ يەر ۋاقتى ئۈلۈشكۈن كەچتە 2014-يىللىق بىرازىلىيە سايلىمى ئاياغلاشتى، شۇ كۈندىكى ئىككىنچى قېتىملىق ئاۋاز بېرىشتە، ھازىرقى زۇڭتۇڭ، ئەمگەك پارتىيەسىنىڭ نامزاتى روسىف ئاجىز ئۈستۈنلۈك بىلەن رەقىبىنى يېڭىپ، بىرازىلىيەنىڭ ئۇدا ۋەزىپە ئكتىگەن تۇنجى ئايال زۇڭتۇڭى بولۇپ قالدى.

  تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ قارىدى: باشلىنىش ئالدىدا تۇرغان ئىككىنچى نۆۋەتلىك ۋەزىپە مۇددىتىدە ئىقتىسادنى قانداق تەرەققىي قىلدۇرۇش، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك بولغان ئىجتىمائىي پاراۋانلىق سىياسىينى يولغا قويۇش-روسىف دۇچ كېلىدىغان ئەڭ چوڭ خىرىس بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇ جۇڭگو بىلەن بولغان دوستانە مۇناسىۋىتىنى داۋاملىق ساقلايدۇ.

  بۇ قېتىمقى سايلامدا روسىفنىڭ رەقىبى، سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ نامزاتى نېۋېسنىڭ تۇنجى قېتىملىق ئاۋاز بېرىشتىكى بېلەت نىسبىتىدە ئانچە چوڭ پەرق بولماي، ئىزچىل تەڭلىشىپ ماڭدى.

  بىرازىلىيە سان پاۋلوۋ فېدېراتسىيە ئۇنىۋېرسىتېتى پۇل مۇئامىلە ئىلمىي پروففىسسورى شياڭ خۇاشېڭ مۇنداق دەپ قارىدى: روسىف تۆت يىل ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش مەزگىلىدىكى بىرازىلىيەنىڭ ئانچە ياخشى بولمىغان ئىقتىسادى سايلام ئەھۋالىنىڭ تىركىشىش ھالىتىدە تۇرغانلىقىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى. بۇندىن باشقا، 2010-يىلىدىن بۇيان، بىرازىلىيەنىڭ ئىچكى پۇل پاخاللىق نىسبىتى ئىزچىل مۆلچەردىكى نىشاندىن يۇقىرى بولدى، يېمەكلىك باھاسى ئۈزلۈكسىز ئۆرلەپ، تۇرمۇش تەننەرقى ئۇدا ئېشىپ، خەلقنىڭ بەخت تۇيغۇسىغا ئېغىر تەسىر يەتكۈزدى.

  روسىف ئۇدا ۋەزىپە ئۆتىگەندىن كېيىن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: مەن كەلگۈسى تۆت يىلدا ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇشقا كۈچ چىقىرىپ، ئېشىشقا تۈرتكە بولۇپ، تېخىمۇ كۆپ ئىش ئورنى يارىتىپ، خەلقنىڭ كىرىمى ئاشۇرىمەن. ئۇ: بىز ھەر قايسى ساھەلەرنىڭ تەرەققىياتىغا ئومۇميۈزلۈك تۈرتكە بولۇپ، پۇل پاخاللىقىنى پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن كونترول قىلىمىز دېدى.

  ئەمگەك پارتىيەسى ھۆكۈمىتى پائال ئىجتىمائىي سىياسەتنى يولغا قويۇش ئارقىلىق، نەق پۇل تولۇقلىمىسى شەكلى بىلەن نامراتلىقنى ئازايتىش جەھەتتە زور كۈچ سەپ قىلدى، لېكىن نۇرغۇن ئۆكتىچى پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى، ئۇلار بۇنداق سىياسەت تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنى خىزمەتتىن مەھرۇم قىلىدۇ دەپ قارىدى.

  بورگېس مۇنداق دەپ قارىدى: ئەمگەك پارتىيەسى ھۆكۈمىتىنىڭ زور كۈچ چىقىرىپ ئىجتىمائىي پاراۋانلىق سىياسىتىنى يۈرگۈزۈش ئۇسۇلى خاتا ئەمەس، لېكىن تېخىمۇ ئۈنۈملۈك بولغان خەلق تۇرمۇشى سىياسىتىنى تېپىپ چىقىش ئۈستىدە ئىزدىنىش كېرەك ئىدى. ئۇ مۇنداق دەپ قارىدى: بىرازىلىيە مائارىپ، تەتقىقات ۋە يېڭىلىق يارىتىش ساھەسىگە سېلىنىدىغان سېلىنمىنى كۆپەيتىپ، ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك.

  روسىف تەبرىكلەش يىغىلىشىدا: جەمئىيەتنىڭ ھەر قايسى قاتلامدىكىلەر بىلەن سۆزلىشىشكە ھەر ۋاقىت تەييار ئىكەنلىكىنى، تېخىمۇ سىغدۇرۇشچان بىرازىلىيە جەمئىيىتىنى قۇرۇشقا تۈرتكە بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  گەرچە ئەمگەك پارتىيەسى خەلق پاراۋانلىق سىياسىتىدىن پايدىلىنىپ، ئۆزىنىڭ سايلىغۇچىلار ئارىسىدىكى ئاساسىنى مۇۋەپپىقىيەتلىك مۇستەھكەملىگەن بولسىمۇ، لېكىن ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدارىنىڭ تۆۋەن بولۇشى، ئەمەلدارلارنىڭ چىرىكلىشىشى پات-پات يۈز بېرىپ تۇرۇش قاتارلىق سەۋەبلەر تۇپەيلىدىن، ئەمگەك پارتىيەسى ھۆكۈمىتى قىسمەن كىشىلەرنىڭ كۆڭلىدىن قالدى. بۇ قېتىمقى تۇنجى قېتىملىق ئاۋاز بېرىشنىڭ ئالدىدا، بىرازىلىيەدىكى ئەڭ چوڭ دۆلەت ئىگىلىكىدىكى كارخانا بىرازىلىيە نېفىت شىركىتىنىڭ پارتىيىگە دۆلەت مەبلىغىنى يۆتكەپ بېرىشكە چېتىشلىق ئىكەنلىكى پاش قىلىنىپ، ئاممىنىڭ ھۆكۈمەتكە بولغان ئىشەنچسىگە ئېغىر تەسىر يەتكۈزدى.

  26-ئۆكتەبىر كەچتە، روسىف تەبرىكلەش يىغىلىشىدا: چېرىكلىككە قارشى تۇرۇش ھادىسىسىگە ھېچقانداق يۈز خاتىرە قىلمايدىغانلىقى، ئەدلىيە ئىسلاھاتىغا تۈرتكە بولۇش ئارقىلىق ئەمەلدارلارنىڭ خىيانەتچىلىك ۋە چېرىكلىك قىلمىشلىرىغا پۈتۈن كۈچى بىلەن زەربە بېرىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

  خەلقئارا مەسىلىلەر مۇتەخەسسىسلىرى مۇنداق دەپ قارىدى: جۇڭگو بىلەن تېخىمۇ يېقىن سودا مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرۇش كەلگۈسىدىكى بىرازىلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ تاشقى سودا سىياسىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى بولىدۇ.

  رىئودىژانىرو فېدېراتسىيە ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا مۇناسىۋەت ئىنىستىتوتىنىڭ پروففىسسورى لېئوناردو ۋالېنتى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: زۇڭتۇڭ روسىف يېڭى ۋەزىپە مۇددىتىدە جۇڭگو بىلەن بولغان ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنى يەنىمۇ راۋاجلاندۇرىدۇ، بىرازىلىيە بىلەن جۇڭگونىڭ ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋىتى سىياسىي ۋە سودا ساھەسىدىلا توختاپ قالمايدۇ، ئادىمىيەت ئالماشتۇرۇشى يەنىمۇ كۈچەيتىلىدۇ.

  بىرازىلىيە ۋارگاس فوند جەمئىيىتىنىڭ خەلقئارا مەسىلىلەر مۇتەخەسسىسى رونىلېس مۇنداق دەپ قارىدى: روسىف يېڭى ۋەزىپە مۇددىتىدە جۇڭگو بىرازىلىيەنىڭ ئاساسلىق سودا شېرىكى بولىدۇ. بىرازىلىيەنىڭ ئۇل ئەسلىھەلىرى نىسبەتەن قالاق، بۇ ساھەدە بىرازىلىيە جۇڭگونىڭ مەبلىغىگە جىددىي ئېھتىياجلىق. جۇڭگونىڭ بىرازىلىيەنىڭ ئۇل ئەسلىھە ساھەسىگە مەبلەغ سېلىشى ئىككى دۆلەتنىڭ سودا مۇناسىۋىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىشكە پايدىلىق.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر