باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر>>شى جىنپىڭ>>مۇھىم سۆز

شى جىنپىڭ : پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، قانۇن ئىدارە قىلىش تەپەككۇرى ۋە ئۇسۇلى ئارقىلىق ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرەيلى

2014.10.28 15:32         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى، مەركىزىي ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى شى جىنپىڭ 27-ئۆكتەبىر چۈشتىن بۇرۇن مەركىزىي ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ 6-قېتىملىق يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى ھەمدە مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 4-ئومۇمىي يىغىنىدا دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش ھەققىدىكى قارار ماقۇللاندى، ئۇ پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 3-ئومۇمىي يىغىنىدا ماقۇللانغان ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى قارار بىلەن قان-قېرىنداشتۇر. ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش قانۇن ئىدارە قىلىش كاپالىتىگە موھتاج، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈشمۇ ئىسلاھنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا موھتاج. 18-نۆۋەتلىك 4-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش پارتىيەمىزنىڭ نۆۋەتتىكى ۋە كەلگۈسى بىر مەزگىلدىكى مۇھىم سىياسىي ۋەزىپىسى، جايلار ۋە تارماقلار چوقۇم چىڭ ۋە ياخشى تۇتۇشى، قانۇن ئىدارە قىلىش تەپەككۇرى ۋە ئۇسۇلى ئارقىلىق ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئاشۇرۇشى كېرەك.

  جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى

  مەنبە : خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر