خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شۇ يەر ۋاقتى 13-يانۋار، ھېندىستاننىڭ ۋېنناۋ ،ھۆكۈمەت خىزمەتچى خادىملىرى ئىككى كۈندىن بېرى دەريانىڭ تىيىز تارماق ئېقىنىدىن 100دىن ئارتۇق جەسەتنى سۈزۈپ چىققان بولۇپ، ھۆكۈمەت تەرەپ سەۋەبنى تەكشۈرۋېتىپتۇ.
خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، مىليونلىغان ھېندىستانلىقلار ئوچۇقچىلىقتا جەسەتنى كۆيدۈرپ قازا قىلغۇچىنىڭ جەسەت كۈلىنى دەرياغا چېچۋىتىدىكەن.بەزىبىر كۆيدۈرىدىغان ماتىرىيال سېتىۋالالمايدىغان ئائىلىلەر ،بىۋاستە مىيىتنى سۇغا تاشلىۋىتىدىكەن، بەزىلىرى تولۇق كۆيدۈرمەيدىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا بىر قىسىم روھانىيلارنىڭ جەسىتىمۇ بىۋاستە سۇغا تاشلىۋىتىلىدىكەن.
تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى