باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

2014-يىلى يېرىمدىن كۆپ دائىمىي ئىشلار يىغىنىدا ئورگانلارنى ئىخچاملاپ، ھوقۇقنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈش مۇزاكىرە قىلىندى

زۇڭلى، ھۆكۈمەت «ئورۇقلاش» ۋەدىسىنى مۇددەتتىن بۇرۇن نەقلەشتۈردى

2015.01.14 20:10         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «2014-يىلى 200 تۈردىن ئارتۇق مەمۇرىي تەستىق ئىشلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ۋە تۆۋەنگە چۈشۈرۈش» نىشانى ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى.

  «كۈندىلىك ئىقتىساد خەۋەرلىرى»نىڭ مۇخبىرى، گوۋۇيۈەننىڭ 2014-يىلى 40 قېتىم دائىمىي ئىشلار يىغىنى ئېچىپ، 21 قېتىم «ئورگانلارنى ئىخچاملاپ، ھوقۇقنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈش»نى مۇزاكىرە قىلغانلىقى، 300 تۈرلۈك مەمۇرىي تەستىق ئىشلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقى ۋە تۆۋەنگە چۈشۈرگەنلىكىنى بايقىغان. بۇنىڭغا 2013-يىلى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان ۋە تۆۋەنگە چۈشۈرۈلگەن 416 تۈرلۈك مەمۇرىي تەستىق ئىشلىرىنى قوشقاندا، بۇ مۇشۇ نۆۋەتلىك ھۆكۈمەتنىڭ «ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتىدە 1700دىن ئارتۇق مەمۇرىي تەستىق ھوقۇقىنىڭ 3/1نى كېمەيتىش» دېگەن ۋەدىسىنى مۇددەتتىن بۇرۇن نەقلەشتۈرگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.

  دۆلەت مەمۇرىيەت ئىنىستىتۇتى جامائەت مەمۇرىيىتى ئوقۇتۇش تەتقىقاتى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى جۇ لىجيا مۇنداق دېدى: مەمۇرىي تەستىق ھوقۇقىنىڭ تۆۋەنگە چۈشۈرۈلۈشى ۋە ئازلىشى بۇنىڭدىن كېيىنكى يۈزلىنىش، مۇھىمى ھۆكۈمەت تۆۋەنگە چۈشۈرگەن مەمۇرىي تەستىق ھوقۇقىنى ئەگىشىپ نازارەت قىلىشى كېرەك، مەسىلەن قىسمەن مەمۇرىي تەستىق ھوقۇقى ۋاسىتىچى تەشكىلات، كارخانا قاتارلىق ئورۇنلارغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن بولۇپ، ھۆكۈمەت ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ ھوقۇقىنى توغرا يۈرگۈزۈشىگە يېتەكچىلىك ۋە نازارەت قىلىپ، «ئەڭ ئاخىرقى بىر كىلومېتىر»نى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر