باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

ج ك پ مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «قارار» ئېلان قىلدى

شەھەر-يېزىلارنىڭ جامائەت مەدەنىيەت مۇلازىمىتىنى باراۋەرلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك

2015.01.15 15:15         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق گېزىتى، بېيجىڭ، 14-يانۋار تېلېگراممىسى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى يېقىندا «ھازىرقى زامان جامائەت مەدەنىيەت مۇلازىمىتى سىستېمىسى بەرپا قىلىش سۈرئىتىنى تېزلىتىش توغرىسىدىكى پىكرى»نى ئېلان قىلىپ، ھازىرقى زامان جامائەت مەدەنىيەت مۇلازىمىتى سىستېمىسى بەرپا قىلىش سۈرئىتىنى تېزلىتىش، ئاساسىي جامائەت مەدەنىيەت مۇلازىمىتىنى ئۆلچەملەشتۈرۈش، باراۋەرلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش، خەلقنىڭ ئاساسىي مەدەنىيەت ھوقۇق-مەنپەئىتىگە كاپالەتلىك قىلىش توغرىسىدا ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرۇش قىلدى.

  پىكىردە مۇنۇلار تەكىتلەندى: ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش باش تەلىپىگە ئاساسەن، زاماننىڭ تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى نامايان قىلىدىغان، سوتسىيالىزمنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدىكى دۆلەت ئەھۋالى ۋە بازارنىڭ ئىقتىساد تەلىپىگە ماس كېلىدىغان، مەدەنىيەت تەرەققىيات قانۇنىيىتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان، جۇڭگوچە ھازىرقى زامان جامائەت مەدەنىيەت مۇلازىمىتى سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى روياپقا چىقىرىش ئۈچۈن كۈچلۈك روھىي ئوزۇق ۋە مەدەنىيەت تايانچى بىلەن تەمىنلەش كېرەك. خەلقنى مەركەز، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى يېتەكچى قىلىپ، توغرا يۆنىلىش، ھۆكۈمەت رەھبەرلىك قىلىش، جەمئىيەت قاتنىشىش، ئورتاق قۇرۇپ ئورتاق بەھرىلىنىش، ئىسلاھاتتا يېڭىلىق يارىتىش پرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، 2020-يىلغىچە شەھەر-يېزىلارنى قاپلىغان قولاي، يۇقىرى ئۈنۈملۈك، ئاساسلىققا كاپالەتلىك قىلىپ، ئادىللىقنى ئىلگىرى سۈرىدىغان، ھازىرقى زامان جامائەت مەدەنىيەت مۇلازىمىتى سىستېمىسىنى ئاساسىي جەھەتتىن قۇرۇپ چىقىش كېرەك.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر