باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>ج ك پ

«ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشقا دائىر بىرقانچە زور مەسىلە توغرىسىدىكى قارارى» ھەققىدە ئىزاھات

شى جىنپىڭ

2014.10.29 16:24         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەن ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ھاۋالىسىگە بىنائەن، يىغىنغا «ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشقا دائىر بىرقانچە زور مەسىلە توغرىسىدىكى قارارى» ھەققىدە ئىزاھات بېرىمەن.

  1. ئومۇمىي يىغىن قارارىنىڭ لايىھەسىنى تەييارلاشنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى ۋە جەريانى ھەققىدە مەركەز 18-نۆۋەتلىك 3-ئومۇمىي يىغىندىن كېيىنلا پارتىيە 18-نۆۋەتلىك 4-ئومۇمىي يىغىننىڭ تېمىسىنى تەتقىق ۋە مۇھاكىمە قىلغانىدى. پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدا ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش كۈرەش نىشانى ئوتتۇرىغا قويۇلدى، پارتىيە 18-نۆۋەتلىك 3-ئومۇمىي يىغىنىدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدا كاتتا لايىھە ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، بۇ كۈرەش نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش، بۇ كاتتا لايىھەنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش قانۇن ئىدارە قىلىش جەھەتتىن ئىشەنچىلىك كاپالەتكە موھتاج.

  پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى، قانۇن ئىدارە قىلىش دۆلەتنى ئىدارە قىلىش-ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشنىڭ ئاساسىي ئۇسۇلى بولۇپ، سوتسىيالىزملىق قانۇن ئىدارە قىلىدىغان دۆلەت قۇرۇشنى تېزلىتىش، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈشنى تېزلىتىش كېرەك؛ 2020-يىلىغا بارغاندا، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش ئاساسىي ئومۇمىي پىلانى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلگە ئاشىدۇ، قانۇن ئىدارە قىلىدىغان ھۆكۈمەت ئاساسەن قۇرۇلىدۇ، ئەدلىيە ئىناۋىتى ئۈزلۈكسىز ئۆسىدۇ، كىشىلىك ھوقۇق ھەقىقىي قوغدىلىدۇ ۋە كاپالەتكە ئىگە بولىدۇ. پارتىيە 18-نۆۋەتلىك 3-ئومۇمىي يىغىنىدا مۇنۇلار ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئوتتۇرىغا قويۇلدى، قانۇن ئىدارە قىلىدىغان جۇڭگو قۇرۇشتا دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، قانۇن بويىچە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش، قانۇن بويىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈشنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈش، قانۇن ئىدارە قىلىدىغان دۆلەت، قانۇن ئىدارە قىلىدىغان ھۆكۈمەت، قانۇن ئىدارە قىلىدىغان جەمئىيەت بىر گەۋدىلەشكەن قۇرۇلۇشىدا چىڭ تۇرۇش كېرەك. بۇ ئورۇنلاشتۇرما ۋە تەلەپلەرنى ئومۇميۈزلۈك ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈش سوتسىيالىزملىق قانۇن ئىدارە قىلىدىغان دۆلەت قۇرۇشنى تېزلىتىشكە مۇناسىۋەتلىك، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش چوققا لايىھەسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە مۇناسىۋەتلىك، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ ئۇزۇنغىچە تەرەققىي قىلىشىغا مۇناسىۋەتلىك.

  جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى

  مەنبە : خەلق تورى  

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر