- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
سۇرىيە دىپلوماتىيە مىسنتىرلىقى تۈركىيەنى ئەيىبلىدى
2014.10.31 15:03 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
سۇرىيە دىپلوماتىيە مىنستىرلىقى 30-ئۆكتەبىر بايانات ئېلان قىلىپ، تۈركىيەنىڭ ئىراق كورد قۇراللىق كۈچلىرىنىڭ سۇرىيەگە كىرىشكە يول قويغانلىقىنى ئەيىبلىدى. باياناتتا مۇنداق دېيىلىدى: تۈركىيە چەتئەل قۇراللىق كۈچلىرى شۇنداقلا تېرۇرچى ئۇنسۇرلارنىڭ سۇرىيە- تۈركىيە چېگرىسى ئارقىلىق سۇرىيەگە كىرىشىگە يول قويدى، بۇ سۇرىيە كىرزىسىگە غەزەرلىك ئارلاشقانلىق. شۈ كۈنى ئەتىگەندىكى بەزى خەۋەرلەردە مۇنداق دېيىلدى: ئىراقتىن كەلگەن يۈزگە يېقىن كورد قۇراللىق خادىم سۇرىيە تۈركىيە چېگرىسى ئارقىلىق، تۈركىيەدىن سۇرىيەگە كىردى، ئۇلار چېگرا شەھەر كوبانىغا بېرىپ، شۇ يەردىكى كوردلارنىڭ ئەسەبىي تەشكىلات ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتىگە تاقابىل تۇرۇشىغا ياردەم بېرىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر