باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ۋەكىللەرنىڭ تەكلىپ لايىھەسىنى قاراپ چىقىش نەتىجىسى ھەققىدىكى دوكلات ئاۋازغا قويۇپ ماقۇللاندى

2014.11.03 14:23         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 11-سانلىق يىغىنىدا 1-نويابىر مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى مالىيە ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ئىككىنچى يىغىنى ھەيئەت رىياسىتىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنغان ۋەكىللەرنىڭ تەكلىپ لايىھەسىنى قاراپ چىقىش نەتىجىسى ھەققىدىكى دوكلات ئاۋازغا قويۇپ ماقۇللاندى، يۈزىدىن ئارتۇق مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى ئوتتۇرىغا قويغان ئەمگەك توختىمى قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش ھەققىدىكى تەكلىپ لايىھەسىگە قارىتا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى مالىيە ئىقتىساد كومىتېتى ۋەكىللەر ۋە ئالاقىدار تارماقلارنىڭ نېسى قالدۇرغان ئىش ھەققىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈش جەھەتتىكى ماددىلارغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش ھەققىدىكى تەكلىپكە قوشۇلدى.

  دوكلاتقا ئاساسەن ۋەكىللەر لايىھەدە مۇنۇلارنى ئوتتۇرىغا قويدى: ئەمگەك توختامى قانۇنىدا ئىش ھەققىنى نېسى قالدۇرۇشتىكى مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈش، قانۇنسىز ئاساسى گەۋدىلەرنىڭ ئەمگەكچىلەرنى ئىشلىتىشى، مائاشنى كوللىكتىپ كېڭىشىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى بەزى ماددىلىرى نۆۋەتتىكى ئىقتىسادى تەرەققىيات تەلىپىگە ماس كەلمەيدۇ، ئەمگەك توختامى قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش تەكلىپىنى بېرىمىز، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى مۇنداق دەپ قارىدى: لايىھەدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان قانۇنسىز ئاساسى گەۋدىلەر ئەمگەكچى ئىشلىتىش، مائاشنى كوللىكتىپ كېڭىشىپ بېكىتىش قاتارلىق مەسىلىلەرگە قارىتا قانۇندا بەلگىلىمە بار بولۇپ، ئەمگەك قانۇنىنىڭ يولغا قويۇلۇش كۈچىنى يەنىمۇ ئاشۇرىدۇ، ئەمگەك توختام قانۇنىدا ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇننىڭ ئىش ھەققىنى نېسى قالدۇرۇشى ھەققىدىكى بەلگىلىمىلەر نۆۋەتتە ئەمگەكچىلەرنىڭ ھوقۇقى مەنپەئەتىنى قوغداش تەلىپىگە پۈتۈنلەي ماسلىشىپ كېتەلمەيدۇ، شۇڭا ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە تۈزىتىش كىرگۈزۈش كېرەك، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى مالىيە ئىقتىساد كومىتېتى يوقارقى پىكىرگە قوشۇلدى.

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى مالىيە ئىقتىساد كومىتېتى ئالاقىدار تارماقلارنىڭ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش لايىھەسى تۈزۈش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، لايىھە پىشىپ يېتىلگەندە ئۇنى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى يىللىق قانۇن چىقىرىش پىلانىغا كىرگۈزۈپ، قاراپ چىقىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش تەكلىپىنى بەردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر